«كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» قالتىس ئورۇنلاندى، ئامما خۇشاللىققا چۆمدى

日期:2024年02月07日
来源:天山网
【字体:

1-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسى ئاق لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بۇ كەنتنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت پونكىتىدا «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 300گە يېقىن كەنت ئاھالىسى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى. باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خوتەن شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازار، كوچا باشقارمىسى بەس-بەستە مول، رەڭدار بولغان «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا-كەنتنىڭ مەدەنىيەت جەلپكارلىقى ۋە يېڭى دەۋردىكى يېڭى يېزىلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مەدەنىيەت ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلارۋاڭ خەنخۇي،جۇ خەيگې)

كەنت ئاھالىلىرى مودا كىيىم كۆرگەزمىسىدە ماڭماقتا. پائالىيەت نەق مەيدانىدىكى ھەر خىل شەكىلدىكى نومۇرلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي، يەنە خۇشال-خۇرام، ئىناق بولغان بايرام كەيپىياتى شەكىللەندۈردى.

پائالىيەت داۋامىدا، سەھنىدە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينالدى، سەھنە سىرتىدا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى، تاماشىبىنلارنىڭ كۈلكە سادالىرى توختىمىدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى