سېتىش سوممىسى 28 مىليون يۈەنگە يەتتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ «گوپەي تاۋۇزى» ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ ئالقىشقا ئېرىشتى

日期:2024年01月03日
来源:天山网
【字体:

قەھرىتان قىشتا پارنىكلار ئىللىقلىققا تولدى، تاۋۇزلارنىڭ پىشىش مەزگىلىدىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدىغان بولدى. 2023-يىلى 12-ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تازغۇن يېزىسى جىگدە ئېرىق كەنتىگە جايلاشقان «شۇلى» زامانىۋى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىنىڭ تاۋۇز تېرىقچىلىق بازىسى كۈن نۇرى پارنىكىدا، بۇدرۇق-بۇدرۇق تاۋۇزلار پېلەكلەرگە ئېسىلغان بولۇپ، تاۋۇزنىڭ خۇش ھىدى دىماغقا ئۇرۇلاتتى. يان تەرەپتىكى ئوراش-قاچىلاش سېخىدا ئىشچىلار تەرتىپلىك ھالدا تاۋۇزلارنى دەرىجىگە ئايرىپ، خالتا كىيگۈزۈپ، يەشىكلەرگە قاچىلاۋاتاتتى.

ئىلگىرى جىگدە ئېرىق كەنتى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى يەككە، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى تار ئىدى. يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئىشنى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن باشلاپ، «تۈر كىرگۈزۈش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يېڭى يولىدا ماڭدى.

2021-يىلىنىڭ بېشىدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يېڭىشەھەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت, شۇنداقلا شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ يېتەكلىشى ۋە قوللىشىدا، جىگدە ئېرىق كەنتى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلىپ قىلىش ئارقىلىق، شەندۇڭ ۋېيفاڭ گوپەي يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، تاۋۇز تېرىقچىلىق بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنىئىمزالاپ، «گوپەي تاۋۇزى» كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىقىنى كىرگۈزدى.

تۈرنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پائال ھالدا تاۋۇز تېرىقچىلىقى بازىسىغا پىلانلانغان يەر ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللەر يىغىنى ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىدىن كەڭ پىكىر-تەكلىپ ئالدى. شىركەت 160 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «كەنت كوللېكتىپى + كارخانا + بازا + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، قىشتا ئىللىيدىغان يۇقىرى ئۆلچەملىك كۈن نۇرى پارنىكىدىن 103نى قۇردى، 10 مىڭ كۋادىرات مىتېردىن ئارتۇق ۋېنلو ئۇسلۇبىدىكى ئەينەكلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك قۇردى، خاس تاۋۇز، قوغۇن تېرىپ، زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسى بەرپا قىلدى.

بازا كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، 2022-يىلىكەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەشۋىق قىلىپ تۈرتكىلىك قىلىشى ئارقىلىق، 320 كەنت ئاھالىسى بازىغا كىرىپ مايسا يېتىشتۈرۈش، چاڭلاشتۇرۇش، پەرۋىش قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى، بۇنىڭ بىلەن تاۋۇز پىشىش مەزگىلىدە 2000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ پەسىللىك ئىشلىشى، كىشى بېشى يىللىق كىرىمىنىڭ 25 مىڭ يۈەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىنى تىلغا ئالغاندا، كەنت ئاھالىسى ئاينۇر مەخەت خۇشالھالدا مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزنىڭ 12 مو يېرىنى شىركەتكە ھۆددىگە بەردىم، ئۆزۈممۇ شىركەتتە ئىشلەيمەن، تاۋۇز تېرىش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم، ئايدا 4000 يۈەن مائاش ئېلىۋاتىمەن».

بازىنىڭ تىجارەتكە مەسئۇل خادىمى يۈ ياۋياۋ مۇنداق دېدى: «بىز 10 نەچچە خىل تاۋۇز سورتىنى يېتىشتۈردۇق، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە تاۋۇزدىن ھوسۇل ئالىمىز، ئۈچىنچى قېتىم تېرىغان تاۋۇزلىرىمىز 12-ئاينىڭ بېشىدا ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، بىر تاۋۇزنى 100 يۈەندىن ساتتۇق، مەھسۇلاتلىرىمىز بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق بىرىنچى قاتاردىكى شەھەرلەرگە سېتىلدى، يەنە تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، ئۈنۈمى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتىدۇ».

ھازىر «گوپەي تاۋۇزى» جىگدە ئېرىق كەنتىنىڭ خاس كەسپى بولۇپ قالدى، تاۋۇزنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 1800 توننىغا، سېتىش سوممىسى 28 مىليون يۈەنگە يەتتى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ يىللىق كىرىمى 120 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، <يېڭىچە دېھقانلار>نى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، <تور + تور سىرتى>دىن ئىبارەت سېتىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ماركىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، <گوپەي تاۋۇزى>نى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ <بېيىش تاۋۇزى>غا ئايلاندۇرىمىز.» يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تازغۇن يېزىسى جىگدە ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، بىرىنچى شۇجى ليۇ جاڭخۇڭ ئىشەنچكە تولغان ھالدا شۇنداق دېدى.

(يېڭىشەھەر ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ياڭ گوخۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر گو تاۋتاۋ)