خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش يۆگىمە رەسىمى سىزىپ چىقىلدى

日期:2023年12月15日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ

12-ئاينىڭ 4-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسى لوپ بازىرى ئاياغ چاپال كەنتى 3-گۇرۇپپىسىدىكى روزىمەمەت ئابدۇللا يان تېلېفونىدا ئۆيىنىڭ تەبىئىي گاز يېقىلغۇ ھېساباتىغا پۇل قاچىلىغاندىن كېيىن، گاز ئوچاققا ئوت يېقىپ تاماق ئەتتى. يېپيېڭى گاز ئوچاق، كۆك رەڭلىك ئوت يالقۇنىغا قاراپ، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «يان تېلېفوندىلا پۇل قاچىلىيالايدىكەنمىز، ئوت ياقساقلا تاماق ئەتكىلى بولىدىكەن، ھەقىقەتەن قولايلىق ئىكەن! يېزىلاردىمۇ تەبىئىي گاز ئىشلىتەلىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، بىزمۇ شەھەرلىكلەردەك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولدۇق».

روزىمەمەت ئائىلىسىگە ئوخشاش، يېقىنقى مەزگىلدە، ئاياغ چاپال كەنتىدىكى 143 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى پاكىز تەبىئىي گاز ئىشلىتەلەيدىغان بولدى. بۇ كەنت لوپ يېزىسى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە تۇرۇبىلىق تەبىئىي گاز ئورناتقان كەنت. تەبىئىي گاز ئۆيلەرگە كىرگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۆزگىرىپ، تۇرمۇش سۈپىتى ئۆستى.

11-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئاياغ چاپال كەنتى 1-گۇرۇپپىسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يوللىرى ياسىلىپ بولدى.

ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ لېيمىڭ فوتوسى

«ئىلگىرى بىز تەبىئىي گاز ئىشلىتىشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق. ھازىر، تەبىئىي گاز ھەر بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە تۇتاشتۇرۇلدى، ئويلاشقا پېتىنالمىغان ئىش رىئاللىققا ئايلاندى.» كەنت ئاھالىسى ئابلىز ياسىننىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئىزچىل كۆمۈر ياكى ئوتۇن قالاپ ئىسسىنغان، تاماق ئەتكەن، ھازىر تەبىئىي گاز ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئىسسىنىش، تاماق ئېتىش قولايلىشىپ، ئۆيلىرى پاكىزلىشىپ، ھاۋاسى ساپلاشقان...

تەبىئىي گازنىڭ ئۆيلەرگە كىرىشى قارىماققا ئادەتتىكى ئىشتەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قولايلاشتۇرۇپ، قىش پەسلىدە ئىسسىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر مىقدارىنى زور مىقداردا ئازايتتى، كۆمۈر قالاشتىن كېلىپ چىققان بۇلغانما ماددىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئازىيىپ، ھاۋا سۈپىتى ياخشىلىنىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئۆستى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئاياغ چاپال كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلدى. يېزا-كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئاياغ چاپال كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يەنە پائال ھالدا كەنتنىڭ مەبلەغ توپلاشقا ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بەردى. لوپ بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، كەنتتە 9540 مېتىرلىق سۇ چىقىرىش تۇرۇبا يولى يېڭىدىن ياسىلىپ، پۈتۈن كەنتنىڭ پاسكىنا سۇنى چىقىرىش تۇرۇبا تورى بىلەن تولۇق قاپلىنىشى ئىشقائېشىپ، ھەممە ئۆيدىن چىققان كېرەكسىز سۇلار، ھاجەتخانا پاسكىنا سۇلىرى قاتارلىق تۇرمۇش پاسكىنا سۇلىرى يېڭىدىن ياتقۇزۇلغان پاسكىنا سۇ تۇرۇبىسى ئارقىلىق بىر تۇتاش قويۇپ بېرىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ناھىيە بازىرىدىكى پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان بولدى.

«ئىلگىرى كەنتىمىزدە تۇرمۇش پاسكىنا سۇلىرى بىۋاسىتە ھالدا ھويلىنىڭ ئەتراپى ياكى كەنتتىكى ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە تۆكۈلەتتى، مۇھىت بۇلغىنىپلا قالماي، يەنە چىۋىن، پاشىلار كۆپىيىپ كېتەتتى.» كەنت ئاھالىسى ئەخەت دۆلەت ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى پاكىز ئېرىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر پاسكىنا سۇ پاسكىنا سۇ تۇرۇبا تورى ئارقىلىق قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، كەنتتىكى ئېرىق-ئۆستەڭلەردە سۇ راۋان ئاقىدىغان بولدى، سۇنىڭ سۈپىتى، ھاۋا سۈپىتى ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ياخشىلاندى، كەنت قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى.

ئاياغ چاپال كەنتى پاسكىنا سۇ تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇش نەق مەيدانى.

ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ لېيمىڭ فوتوسى

پاسكىنا سۇ تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىش تاماملانغاندىن كېيىن، ئاياغ چاپال كەنتىنىڭ مۇھىتى گۈزەللىشىپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى كەنت-بازارلاردىكى ئاممىمۇ نەپكە ئېرىشتى.

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىر يىل تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ئاياغ چاپال كەنتىدىكى ئىلگىرىكى لاي-پاتقاق بولۇپ كېتىدىغان، قويۇق ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلىدىغان ئەھۋالكەلمەسكە كەتتى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىرايىدا جىلۋىلەنگەن بەخت كۈلكىسى ئاياغ چاپال كەنتىدىكىلەرنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقان تۇرمۇشىنىڭ دەلىل-ئىسپاتى بولۇپ قالدى.