يەككە تىككۈچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاراقاشتىكى دېھقان ئاياللارنى بېيىش ئارزۇسىغا يېتەكلىدى

日期:2023年10月12日
来源:天山网
【字体:

«تاق، تاق، تاق ____ تاق، تاق، تاق ____» كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى، 35 نەپەر ئايال ئىشچى توكلۇق كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، يىپنىڭ ئۇچىنى كېسىپ، رەخلەرنى تىكىۋاتاتتى... ئۇلارئىشتەقسىماتى بويىچەھەمكارلىشىپ ئىشلەپ، تەرتىپلىك ۋە رەتلىك ھالدا كىيىمپىششىقلاپ ئىشلەشبىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى قىزىلنۇر كەنتى شادلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى كىيىم-كېچەك پىششىقلاشسېخىدىكى كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسى. بۇ كىيىم-كېچەك پىششىقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىلگىرى بىر ئادەتتىكى تىككۈچىلىك دۇكىنى بولۇپ، دۇكان ئىگىسى نۇرىمان تۇر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى بولۇش بىلەن بىللە، دېھقان ئائىلىلىرىدىكى ئاچا-سىڭىللارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «باشلامچى» بولدى.

نۇرىمان تۇر ئىلگىرى بىر تىككۈچىلىك دۇكىنىنىڭ لوبىنى بولۇپ، 2014-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان 10 يىل ۋاقىتتا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 20 تىككۈچى شاگىرت يېتىشتۈردى. تىككۈچى شاگىرتىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، نۇرىماندا تۇردا چوڭراق كىيىم تىكىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئويى پەيدا بولدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئۇنىڭ بۇ ئويىنى قوللاپ، ئۇنىڭغا ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئېچىپ، كىيىم-كېچەك پىششىقلاپ ئىشلەشتەكلىپى بەردى. 2018-يىلى 4-ئايدا، نۇرىمان تۇر جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى قىزىلنۇر كەنتى شادلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى.

ھەمكارلىق كوپېراتىپى تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، قوشنا يېزا-بازاردىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ فورمىسى زاكازىنى قولغا كەلتۈردى. دەسلەپتە يېڭى ئىش باشلىغاندىلا كۆپ زاكازلار كەلدى، پىششىقلاپ ئىشلەنگەنمەكتەپ فورمىلىرى بىۋاسىتە ھالدا مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈلدى، كېيىن مەكتەپ فورمىسىنىڭ مەكتەپلەرنى قاپلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرىمان تۇر مەكتەپ فورمىلىرىنى ھەرقايسى يېزا-بازارلارنىڭ بازارلىرىغا ئاپىرىپ ساتتى. نۇرىمان تۇر تىككۈچىلىك كەسپىنى قىزغىن سۆيەتتى، ئۇنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشى، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تىجارىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ھەتتا تەمىنلەش ئېھتىياجنى قامدۇرالمىدى، ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئايلىق كىرىمى 200 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

«ھازىر بۇ يەردە 35 ئادەم خىزمەت قىلىدۇ، كىشى بېشى يىللىق كىرىمى 30 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، بىر يىلدا تەخمىنەن 15 مىڭ مەكتەپ فورمىسى تىكىۋاتىدۇ.» قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى قىزىلنۇر كەنتى شادلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى نۇرىمان تۇر كەسكىن ھالدا شۇنداق دېدى.

نۇرىمان تۇر ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، ئەتراپتىكى ئاياللار ئارقا-ئارقىدىن ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن تىككۈچىلىك ماھارىتىنى ئۆگەندى، ئۇ ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەڭ زور تىرىشچانلىقبىلەن ياردەم بەردى، ھېچقاچان ئۆزىنىڭ پايدا-زىيىنىنى ھېسابلاپ ئولتۇرمىدى، ئۆزىنىڭ تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى قىلچە قالدۇرمايھەممىسىنى كەنتتىكى ئاچا-سىڭىللارغا ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ تېخنىكىدا ناچار بولۇش، سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش، تىكىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ئىگىلىك تىكلىشى، ئورتاق بېيىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى قىزىلنۇر كەنتى شادلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسى پاتەم قۇرباننىياز مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت <ئىككى كومىتېت>ى بىزگە ياردەم بېرىپ، مېنى ئىشىك ئالدىدىلائىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. مەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى ھەقسىز ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە بىر قۇر مەكتەپ فورمىسى تىكسەم 20 يۈەن بېرىدۇ، ھەر ئايدا تەخمىنەن 3500 يۈەن تاپالايمەن، مەن ياخشى ئىشلەپ، تۇرمۇش سەۋىيەمنى ئۆستۈرىمەن».

تىككۈچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى كەنتتىكىئاياللارغائىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىكۆپەيتىپ بەردى ۋە ئۇلارنىكىرىمىنى ئاشۇرىدىغان سۇپا بىلەن تەمىنلىدى، كەنتتىكى دېھقان ئائىلىلىرىدىكىتىككۈچىلىك تېخنىكىسى بار 35 ئايالنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتتى. ھازىرقى تۇرمۇشى توغرىلىق گەپ بولغاندا، نۇرىمان تۇر مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلاندى، ئەلۋەتتە كەنتتىكى ئاچا-سىڭىللارنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ، مەن ئۇلارغا داۋاملىق باشلامچىلىق قىلىپ بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەپ، بىرلىكتە بېيىشقا تىرىشىمەن!»

(ئىختىيارىي مۇخبىرلارليۇ شاۋبىن، شۈ دەنچىڭ)