ئېتىز باشلىرىدىكى «قىزىل سىيمالار» دېھقانچىلىق ۋاقتىنى قولدىن بەرمەي مول ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلدى

日期:2023年11月08日
来源:天山网
【字体:

11-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاقسۇ سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسىپلەر باغچىسى (خۇڭچىپو رايونى)ساخىت مەھەللىسىدىكى ئالمىلىق باغدا، پىدائىيلار باغۋەنلەرگە ياردەملىشىپ ئالما ئۈزۈشۈپ بەرمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىر فەن گۇڭپىڭ)

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاقسۇ شەھەرلىك سۇ ئىدارىسىنىڭ ساخىت مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەشكىللەپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» باش تېمىسىدىكىپائالىيەتنىقانات يايدۇرۇپ، باغۋەنلەرنىڭ ئالما ئۈزۈشى، ئالما سېتىشىغا ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

11-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاقسۇ سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسىپلەر باغچىسى (خۇڭچىپو رايونى) ساخىت مەھەللىسىدىكى ئالمىلىق باغدا، پىدائىيلار باغۋەنلەرگە ياردەملىشىپ ئالمىلارنى ئىلغىشىپ بەرمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىر فەن گۇڭپىڭ)

11-ئاينىڭ 4-كۈنى، پىدائىيلار كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ ئېڭىزغا تېرىغان بەسەيلەرنى يىغىشىپ بەرمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىر لەن لىڭ)

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايەتلىكجىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ساۋەن شەھىرى ليۇماۋۋەن بازىرى خۇاڭچۈ يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پارتىيە ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرىنى تەشكىللەپ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېڭىزغا تېرىغان بەسەيلىرىنى تېزدىن يىغىۋېلىشىغا ياردەم بەردى.

11-ئاينىڭ 4-كۈنى، پىدائىيلار كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ ئېڭىزغا تېرىغان بەسەيلەرنى توشۇشۇپ بەرمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىر لەن لىڭ)