قۇبۇقسار ناھىيەسىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئەترەت باشلىقلىرى ئىش ئورنىغا قايتىپ، ئىزباسارلارغا تەجرىبە يەتكۈزدى

日期:2023年03月24日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى (مۇخبىرچىن پېڭخەۋەر قىلىدۇ) «ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى، ئەترىتىمىزنىڭ ئەزالىرىكەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنىچوقۇم ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ تېرىقچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەڭشىشىگە ياردەم بېرىشىكېرەك ...» 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئىلگىرى ئۇدا ئۈچ يىل تارباغاتاي ۋىلايىتى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىدىنچاخېت يېزىسى چاغان تۈڭگى كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولغان ۋۇ شيۇڭۋېينىڭ ئىش ئورنىغا قايتقاندىن كېيىن قىلغان تۇنجى ئىشى، «كەنتتە تۇرۇشلۇق» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنى كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدىكى مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەسكەرتىش بولدى.

3-ئاينىڭ 19-كۈنى، چاخېت يېزىسى چاغان تۈڭگى كەنتىدە،خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكىئەترەت باشلىقى ۋۇ شيۇڭۋېي ( ئوڭدىن 2 -كىشى) يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جەزىرە تۆلېۋقان(ئوڭدىن 1 -كىشى) بىلەن بىرلىكتە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قويلىرىنى داۋالىماقتا.ياڭ جۈنيىڭفوتوسى

يېڭى بىر تۈركۈم كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى تېزدىن پىششىق بىلىۋېلىشىغاياردەم بېرىش ئۈچۈن، قۇبۇقسار ناھىيەلىك«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكىئەترەت باشلىقلىرىنىڭ كەنت (مەھەللە)لەرگە قايتىپ «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» خىزمىتىگەزور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. مۆتگې يېزىسىدا، ۋۇ شيۇڭۋېيغا ئوخشاشخىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكىيەتتە ئەترەت باشلىقى ئىش ئورنىغا قايتىپ كەلدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكىئەترەتباشلىقلىرى كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرگە كىرىش، سىياسەتتەشۋىق قىلىش، زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ھەل قىلىش، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئەمەلىيەت داۋامىدا بىرى بىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش، بىرى كۆپكە يېتەكچىلىك قىلىش شەكىللەر ئارقىلىق، ھازىرقى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقلىرى، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئۇلارغا قولمۇقول ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى تېزدىن پىششىق بىلىشى ۋە قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

ھازىرغىچە، قۇبۇقسار ناھىيەسىدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكى80ئەترەت باشلىقى كەنت (مەھەللە)لەرگە قايتىپ، «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، قاپلاش نىسبىتى %100كە يەتتى.