خەلققە نەپ يەتتى ھەم قەلبلەر ئىللىدى خىزمەت ئەترىتى لاڭقا كەنتىگە ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتناشقا كۈچ قوشتى

日期:2023年03月31日
来源:天山网
【字体:

  بالىلارنىڭ ئاپتوبۇستىن خۇشال چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى لاڭقا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى دېھقان گۈلسىناس ئولۇسباينىڭ كۆڭلىدىكى قىيىن مەسىلە ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولدى، ئىلگىرى ئۇ دائىم تاماقنى ئېتىپ يېرىمىغا كەلگەندە، مەكتەپكە بالىسىنى ئالغىلى باراتتى، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تاماقنى داۋاملىق ئېتەتتى، ئاندىن بالىسىنى يەنە مەكتەپكە ئاپىرىپ قوياتتى. بىر كۈن ناھايىتى جىددىيچىلىكتە ئۆتەتتى.

  3-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، لاڭقا كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى يىغىلدى، ئۇلار تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئاممىۋى ئاپتوبۇس كەنت ئېغىزىدا توختىدى، ياشانغانلار ھاسسىسىغا تايىنىپ، كىچىك بالىلارنى چوڭلار يىتىلەپ مىڭىپكەنتئېغىزىغا كېلىپ، لاڭقا كەنتىگە ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتنىغان بۇ خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى كۆردى.

لاڭقا كەنتى جاغىستاي بازىرىغا ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۈچ كىلومېتىر قانچىلىك ئارىلىق؟ ئادەتتىكى كىشىلەر پىيادە 50 مىنۇت ئەتراپىدا يېتىپ بارالايدۇ، بۇ ئۈچ كىلومېتىر يول بۇ يەردىكى كەنت ئاھالىلىرىنى قىيىن ئەھۋالدا قويغان ئىدى. كەنتتە 40تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار، ئۇلار جاغىستاي بازارلىق مەركىزىي مەكتەپ، ئاقيار قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ، كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى موتسىكىلىتتامەكتەپكە ئاپىرىپ-ئەكىلىدىغان بولۇپ، ناھايىتى قولايسىز ئىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بازار، كەنت ئىككى دەرىجىلىك كادىرلار ناھىيەدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پائال ماسلاشتۇرۇپ، كېڭەشكەندىن كېيىن، چاپچال ناھىيەخۇيتۇڭ چەكلىك شىركىتى 6-يول ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىنى ئۇزارتىپ، ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى لاڭقا كەنتىنىڭ كەنت ئېغىزىغا تۇتاشتۇردى.

خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغان ھامان بېجىرىش كېرەك. لاڭقا كەنت«ئىككى كومىتېت»ى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس-تەلەپلىرىنى توپلاش جەريانىدا، زىيارەت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى پائال توپلاپ ھەل قىلدى.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى