سۈرەتلىك ھېكايە | يۇرتداشلارنىڭ بىر بېيىش يولىنىڭ ئارتۇق بولۇشى ئۈچۈن

日期:2023年04月10日
来源:天山网
【字体:

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىدىكى كۆچەتلىكتە، لى جاۋ (سولدا) بىلەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى يۈسۈپجان تۇرسۇن جىگدە كۆچىتىنى تولۇقلاپ تىكمەكتە (3-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان).

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى (مۇخبىرسەي زېڭلېفوتوسى، خەۋىرى) «ئېنىق ئاڭلىيالمىدىم، تاغدا سىگنال ياخشى ئەمەس، سەل تۇرۇپ سىزگە تېلېفون قايتۇراي». 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، تېلېفوندا شامالنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى قوشۇلۇپ ئاڭلىنىپ تۇراتتى، تاغدا يول چارلاۋاتقانلى جاۋ ئامالسىز تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

لى جاۋ (سولدا) تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىدە يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ جىنپېڭغا كەنتنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا (3-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان).

لى جاۋ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، ئۇ 2021-يىلى 3-ئايدا بۇ يەرگە كېلىپ خىزمەت قىلغان. بۇ كەنت كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، تۆت ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەن، كەنت تاغ جىلغىسىدىكى دەريا قىنىدا، كىشى بېشىغا ئاران بىر مودىن كۆپرەك يەر توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ جايدا مۇنداقسۆز تارقالغان: «نېمىلا تېرىسا ئۈنمەيدۇ، نېمىلا باقسا ئەي بولمايدۇ».

لى جاۋ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىدە تېلېفوندا سۆزلەشمەكتە. ئۇ ھەر كۈنىنەچچە ئون پۇقرادىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلىدۇ (3-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

بۇنداق ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، لى جاۋ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن باشلاپلا كەچ يېتىپ سەھەر تۇرۇپ، پۇقرالارغا چىقىش يولى تېپىپ بېرىشنى ئويلىدى. ئۇمەھەللىۋى ئوغۇتنى ئالاقىلىشىپ، تۇپراقنىڭسۈپىتىنى ياخشىلىدى، يېرىم كېچىگىچە توپ سېتىش بازىرىدا تۇرۇپ دېھقانلارغا توخۇ سېتىشىپ بەردى، ئىككى يىلدىن بۇيان يۇرتداشلار ئۈچۈن كۆپ قاترىدى.تارىختا تاساغۇ قەدىمىي يولى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان لى جاۋمۇشۇ ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ بىر ساياھەت لىنىيەسىنى تاپقىلى بولامدۇ-يوق، دېگەن توغرىسىدا كۆپ ئويلاندى، «يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدا بىر يولنىڭ ئارتۇق بولۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىمەن» دېدى لى جاۋ.

بىرساياھەت ئاپتوبۇسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتى كوچىسىدىن ئۆتمەكتە (3-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي يول قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، دىققەتنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇرتداشلارغا پائال چىقىش يولى تېپىپ بەردى، بەخت ياراتتى.

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىنىڭ بىر بۇرجىكى (3-ئاينىڭ 25-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

يەرنى تۈزلەپ، تۇپراقنى ياخشىلاشتىن سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، ئىلمىي تېرىشقىچە؛ قوتان سېلىشتىن ئىلمىي باقمىچىلىققىچە؛ ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىن يازلىق تېرىلغۇغىچەھەممىلا يەردە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئۇلار تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيىلەشنى قانات يايدۇردى، قولمۇقول ئۆگەتتى، زېرىكمەي قايتا-قايتا چۈشەندۈردى. ھازىر، چارۋا باقمىچىلىقى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كەسىپكە ئايلاندى، ئاشلىق، كۆكتات، جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارمۇ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يولىغا ئايلاندى. «بۇلتۇر باقمىچىلىقتىن 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدۇق، بۇغداينى ئۆزىمىز يېگەندىن باشقا، يەنە 2400 يۈەنلىكتىن ئارتۇقبۇغداي ساتتۇق.» نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە سامساق ئىمىن سامەت مۇنداق دېدى: كۈنلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىدە ئۆيلەرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئۆرۈك چېچەكلىرى پورەكلەپ ئېچىلدى (3-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

باھار كۈنلىرىدە،باھار شامىلىكوئېنلون تېغىجىلغىسىنى بويلاپ ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىنىسىيپاپ ئۆتكەندە، كىشىلەرنىڭ چىرايىدا كۈلكە ۋە ئۈمىد جىلۋىلەندى، ئىللىق قۇياش نۇرى تاغ جىلغىسىغا چۈشتى، كەنت ئىچىدە گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە نامايان بولدى.