مېنىڭ ئىسمىم ئانار | ئەڭ گۈزەل ئۇچرىشىش ئانارگۈل ۋە «ئانار كەنتى»

日期:2023年01月04日
来源:天山网
【字体:

 تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

«مەن 5-ئايدا تۇغۇلغان، ئۇ پەسىلدە ئانار دەرىخىدە قىپقىزىل گۈللەر ئېچىلغاچقا،ئاتا-ئانام ماڭا ئانارگۈل دەپ ئىسىمقويۇپتىكەن» دېدى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، چىرا ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ چىرا يېزىسىكاڭكال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئانارگۈل ئابدۇللا كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئۇيغۇر تىلىدا شىليۇ ئانار دېيىلىدۇ، نۇرغۇن قىزلارغا ئانارگۈل ياكى ئانارخان دەپ ئىسىم قويۇلىدۇ، بۇ ئانار گۈلىگە ئوخشاش گۈزەل قىز دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كاڭكال كەنتىدە ئانارگۈل ئىسىملىكلەردىنئون نەچچىسى بار.

چىرا ناھىيەسىچىرا يېزىسى كاڭكال كەنتىنىڭ ئانار ئۆستۈرۈش ئەنئەنىسى بار، ئانار ئۆستۈرۈش كۆلىمى 2450 مو بولۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى 200دىن ئارتۇق دېھقان ئانار ئۆستۈرۈپ، يىللىق كىرىمىنى10 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئانارگۈل كاڭكال كەنتىگە كېلىپ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ بىر يىلدا، ئانارگۈلنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشى ئانار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولدى، ئۇمۇ كەنتتىكىلەر تەرىپىدىن «ئانارگۈل ئەترەت باشلىقى» دەپ ئاتالدى.

ئانار پىشىدىغان پەسىلدە، چىرا ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ چىرا يېزىسى كاڭكال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئانارگۈل ئابدۇللا (ئوڭدا) كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ئانار ئۈزمەكتە.

سۈرەتنى ئانارگۈل ئابدۇللا تەمىنلىگەن

 ئەتىيازدا ئانار كۆچەتلىرى ئېچىلىپ توپىدىن چىقىرىلىدۇ، 4-ئايدا ياخشى سۇغىرىپ، چېچەكلەپ مېۋىلەش مەزگىلىدەپەرۋىشنى چىڭ تۇتۇپ، قىش پەسلىدە كۆمگەندە چوڭقۇر-تېيىزلىققا دىققەت قىلىش كېرەك... ئانار ئۆستۈرۈش تىلغا ئېلىنسا، ئانارگۈل ھەممىنى پىششىق بىلىدۇ. «كىچىك ۋاقتىمدا، ئاتا-ئانامغا ئەگىشىپ يېزىغا بېرىپ، ئادەم كۈچى بىلەن ئانار كۆچىتىنى كۆمگەن مەنزىرىنى كۆرگەنىدىم، ئون نەچچە ئادەم ئانارشېخىنى بېسىپتۇرۇپ، بىرنەچچە ئادەم توپا تاشلاپ كۆمەتتى. ھازىر ماشىنا بىلەن كۆمىدۇ، ئىككى ئادەم بولسىلا يېتەرلىك» دېدى ئۇ.

ھەر يىلى ئانار چېچەكلىگەن ۋە ئانار پىشقان پەسىلدە، ئانارگۈل كاڭكال كەنتىنىڭ «ۋاكالەتچىسى»گە ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىمۇ قىپقىزىل ئانارلار بىلەن «توشۇپ» كېتىدۇ. نۇرغۇن كىشى كاڭكال كەنتىگە بۇ يەرنىڭ نامىنى ئاڭلاپ كېلىپ، ئانارلىق باغدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كاڭكال كەنتىنىڭ ئانارلىرى خېلى داڭق چىقاردى.

«بۈگۈنكى كۈندە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئانار ئۆستۈرۈش ماھىرىغا ئايلاندى، پۈتۈن كەنتتىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ %30كە يېقىنىنىڭ ھەممىسى ئانار كەسپىدىن كېلىدۇ، ئانار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىدىكى <ئالتۇن مېۋە>گە ئايلاندى». ئانارگۈل مۇنداق دېدى: ئانار كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، كاڭكال كەنتى «ئانار + ساياھەت» تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئانار چېچىكى سەيلىسى، ئانار ئۈزۈش، ئانار يېيىش، ئانار ھارىقى ئىچىشتەك كەسىپ زەنجىرىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، ئانار چېچىكىسەيلىسى بايرىمى، ئانار بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ سەيلە قىلىشقا جەلپ قىلدى.

ياخشى ئۆستۈرۈلسە ياخشى ساتقىلى بولىدۇ. «ئىلگىرى بىز ئانارنى باشقا جايلارغا بىۋاسىتە ساتاتتۇق، باھاسىمۇ بىرقەدەر تۆۋەن ئىدى، ھازىر ئانارنى كەنتتىكى پىششىقلاش زاۋۇتىغا سېتىپ بېرىمىز، بۇنىڭدىن ئانار ھارىقى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ئانارنى ئىنچىكە پىششىقلىغاندىنكېيىن باھاسىمۇ بۇرۇنقىدىن خېلىلا كۆپ ئۆرلىدى» دېدى ئانارگۈل.