ساۋەن ناھىيەسى: توك يوللىرىنى رېمونت قىلىپ يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىش

日期:2019年04月11日
来源:天山网
【字体:

4-ئاينىڭ 2-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىسى ليۇ شاڭجيەننىڭ ئۆيىدە ياردەملىشىپ توك لىنىيەسىنى رېمونت قىلماقتا.

تارباغاتاي گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار جاڭ لۇڭتاڭ، سېڭ جاۋمېي): نەچچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەلىك پارتكوم پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ سىداۋخوزا بازىرى يۇفاڭ جاڭزا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدىكى توك سىم يوللىرىنى نۇقتىلىق رەتلەپ تەكشۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تۈگىتىشىگە ياردەم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرى قاتارلىقلارنى رېمونت قىلىپ بەردى.