شىنجاڭدا پىدائىيلار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا كۈچ قوشتى

日期:2022年08月30日
来源:天山网
【字体:

8- ئاينىڭ 27- كۈنى، ساۋەن شەھىرى جىنگوۋخى بازىرى ساۋجاپو كەنتىدىكى كاڭ زومىڭنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا، «قىزىل جىلىتكە» كىيگەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئالدىراش ئۈزۈم ئۈزمەكتە.

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

بۇ «قىزىل جىلىتكە»لىكلەر ساۋەن شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ساۋجاپو كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى. يېقىندا، كاڭ زومىڭ ئۆستۈرگەن 20 نەچچە مو يەردىكى ئۈزۈم ئارقا- ئارقىدىن پىشتى، كاڭ زومىڭ ئائىلىسىدە ئادەم ئاز بولغاچقا، يېتىشىپ بولالمىدى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ھەر كۈنى كېلىپ ئۇنىڭ ئۈزۈم ئۈزۈشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلىپ، خېرىدار ئۇقۇشۇپ، ئۈزۈمنى ۋاقتىدا ئۈزۈپ سېتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

8- ئاينىڭ 27- كۈنى، قىپقىزىل ئۈزۈملەر سانجاق- سانجاق ئېسىلىپ تۇراتتى.

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

8- ئاينىڭ 27- كۈنى، «قىزىل جىلىتكە» كىيگەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئالدىراش ئۈزۈم ئۈزمەكتە.

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

8- ئاينىڭ 27- كۈنى، پارتىيەلىك پىدائىيلار شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2- شىسى 22- تۇەنى 3- ليەنى تيېمېنگۇەن شەھىرىدىكى گوجىيۈەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ جاغدا چىلانلارنى ئىلغىشىغا ياردەملەشمەكتە. ھازىر، 2 -شى 22- تۇەن 3- ليەنىدىكى 90 نەچچە پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن جاغدا چىلان ئارقا- ئارقىدىن يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى، بۇ ليەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پائال تەشكىللەپ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ يىغىش، سېتىشىغا ياردەم بەردى.

شيې جياڭلىن فوتوسى

8- ئاينىڭ 27- كۈنى، پارتىيەلىك پىدائىيلار شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2- شىسى 22- تۇەنى 3- ليەنى تيېمېنگۇەن شەھىرىدىكى گوجىيۈەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە ياردەملىشىپ جاغدا چىلانلارنى قاچىلىماقتا.

شيې جياڭلىن فوتوسى

8- ئاينىڭ 28- كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن- تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ بۇ ناھىيەنىڭ قارابۇرا بازىرى سانائەت كوچىسى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى باغۋەنلەرگە قارىئۆرۈك ئۈزۈشۈپ بەرمەكتە. قارىئۆرۈكنىڭ تەمى چۈچۈمەل ھەم يېيىشلىك، ئۇنىڭدىن قارىئۆرۈك شەربىتى قىلسىمۇ، قارىئۆرۈك قىيامى قىلسىمۇ بولىدۇ، بۇ قارىئۆرۈكلەر ئىستېمالچىلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

8- ئاينىڭ 28- كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن- تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ بۇ ناھىيەنىڭ قارابۇرا بازىرى سانائەت كوچىسى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى باغۋەنلەرگە قارىئۆرۈك ئۈزۈشۈپ بەرمەكتە.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى