دېھقانچىلىق پەيتىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارنىڭ بالدۇر پىشىدىغان ئالما ئۈزۈشىگە ياردەملەشتى  

日期:2022年08月26日
来源:天山网
【字体:

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چىن قەلبى، چىن ھېسسياتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ «ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدى.

8-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ سەنخې بازىرى قۇمباش كۆل كەنتىدىكى باغۋەن دۇ سەنچۈەننىڭ ئالمىلىق بېغىدا شاخلاردىكى مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن ئالمىلارنىڭ خۇش ھىدى كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى. ئاۋات ناھىيەلىك ئورگان ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ سەنخې بازىرى قۇمباش كۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى باغۋەنلەرنىڭ ئالما ئۈزۈش، ساندۇققا قاچىلاپ سېتىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ھەممە يەردە مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن خۇشاللىنارلىق مەنزىرە نامايان بولدى.

بۇ يىل، باغۋەن دۇ سەنچۈەن 130 مو يەردە گالا ئالمىسى ئۆستۈرگەن ئىدى، گالا ئالمىسى بالدۇر پىشىدىغان بولۇپ، ئائىلىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغاچقا، دۇ سەنچۈەن ئۈزۈش، سېتىپ چىقىرىشتا قىيىنىلىپ قالدى. ئاۋات ناھىيەلىك ئورگان ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ سەنخې بازىرى قۇمباش كۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، پائال تۈردە كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، باغۋەنلەرنىڭ توشۇپ يۆتكەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

دۇ سەنچۈەن مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۈزۈپ سېتىۋاتقىنىمىزنىڭ ھەممىسى بالدۇر پىشىدىغان گالا ئالمىسى، بۇ قېتىم خىزمەت ئەترىتىدىكى پىدائىيلار بىزنىڭ ئۈزۈشىمىزگە ياردەم قىلغاچقا، ئالمىنى ۋاقتىدا سېتىپ چىقىرىۋالدۇق، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت.»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ سەنخې بازىرى ئالما كەسپىنى ياخشىلاش، ئەلالاشتۇرۇشنى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ تۇتۇپ، باغۋەنلەرنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئالمىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ سەنخې بازىرى قۇمباش كۆل كەنتىدە جەمئىي 244.8 مو يەردە ئالما ئۆستۈرۈلۈپ، 244.8 مو يەردىكى ئالمىنىڭ ھەممىسى مېۋىگە كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە بالدۇر پىشىدىغان ئالما ئۆستۈرۈش كۆلىمى 37 موغا يېتىدۇ.

ئاۋات ناھىيەلىك ئورگان ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ سەنخې بازىرى قۇمباش كۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ئالىمجان ئەمەت مۇنداق دېدى: «بىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالما ئۈزۈشىگە ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، سېتىۋالغۇچى تەرەپ ۋە سېتىش، توشۇش يوللىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ھەل قىلدۇق. ئۆزىمىزمۇ بۇ ئىشىمىزدىن رازى بولدۇق، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇمىز ئاشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمنى كۆرۈپ، بىزمۇ ئىنتايىن خۇشال بولدۇق.»

(ئىختىيارىي مۇخبىر روشەنگۈل ئادىل)

«تىيانشان تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى