مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنىڭ خۇش ھىدى تارالدى! شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دېھقانلارنىڭ يىغىۋېلىپ سېتىشىغا ياردەم بېرىلدى

日期:2022年08月19日
来源:天山网
【字体:

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، باغراش ناھىيەسى ئۇلان جېكسىن يېزىسى ئۇلان جېكسىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى شوخلا ئۈزمەكتە.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، پارتىيەلىك پىدائىيلار تامتوغراق بازىرى تۆۋەنكى تامتوغراق كەنتىدە كۆك پوستلۇق ياڭاق ئۈزمەكتە. ھازىر، ئاۋات ناھىيەسى ئۆستۈرگەن 181 مىڭ مو يەردىكى ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ناھىيە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پائال تەشكىللەپ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ئېتىز باشلىرىغا، باغ-ئورمانچىلىق بازىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ دېھقانلارنىڭ مېۋىلەرنى يىغىشىغا ياردەم بېرىپ، ۋاقتىدا ئۈزۈپ بازارغا سېلىپ سېتىپ، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

8-ئاينىڭ 16- كۈنى، باغراش ناھىيەسى ئۇلان جېكسېن يېزىسى ئۇلان جېكسىن كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى شوخلا يىغماقتا. ھازىر سانائەت شوخلىسى پىشىپ ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، باغراش ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلار يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، شوخلىنى يىغىۋېلىشقا پائال تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى.

خۇ شىچى فوتوسى

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، پىدائىيلار باغۋەنگە ياردەملىشىپ جىشىنگو ئۈزمەكتە. ھازىر دەل مېۋە-چېۋىدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل بولغاچقا، ساۋەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ شىگوبى بازىرى بەيتەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىلەن «دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك يىغىمغا ياردەم بېرىش» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىش، سېتىشتىن ئىبارەت ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باغۋەنلەرنىڭ پايدا ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى دېھقانلارغا ياردەملىشىپ شىنمېي خىللىماقتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى جام بازىرى توڭتۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شىنمېي ئۈزۈشىگە ، ۋاقتىدا بازارغا سېلىپ سېتىشىغا ياردەم بەردى. نۆۋەتتە، بۇ كەنت تېرىغان 500 مودىن ئارتۇق شىنمېينىڭ 20 توننىسى ئۈزۈلۈپ، ھەممىسى زاكاز تالونى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى بازارلارغا سېتىلدى.

ئېزىز سامساق فوتوسى

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى باغۋەنگە ياردەملىشىپ شىنمېي ئۈزمەكتە. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جام بازىرى توڭتۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شىنمېي ئۈزۈشىگە، ۋاقتىدا بازارغا سېلىپ سېتىشىغا ياردەم بەردى. بۇ كەنت تېرىغان 500 مودىن ئارتۇق شىنمېينىڭ 20 توننىسى ئۈزۈلۈپ، ھەممىسى زاكاز تالونى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى بازارلارغا سېتىلدى.

ئېزىز سامساق فوتوسى

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى باغۋەنگە ياردەملىشىپ شىنمېي ئۈزمەكتە. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جام بازىرى توڭتۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شىنمېي ئۈزۈشىگە، ۋاقتىدا بازارغا سېلىپ سېتىشىغا ياردەم بەردى. بۇ كەنت تېرىغان 500 مودىن ئارتۇق شىنمېينىڭ 20 توننىسى ئۈزۈلۈپ ، ھەممىسى زاكاز تالونى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى بازارلارغا سېتىلدى.

ئېزىز سامساق فوتوسى

 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، پىدائىيلار ئالمىلارنى خىللىماقتا. ھازىر، جىڭ ناھىيەسى ئاقچى دېھقانچىلىق مەيدانى مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، ئاقچى دېھقانچىلىق مەيدانى كۆپ تەرەپ كېڭىشىش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ سېتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

  ليۇ چۈەن فوتوسى

  8-ئاينىڭ 12-كۈنى، يېڭى راك تۇتۇۋاتقان باقمىچىنىڭ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرىتى. ھازىر، جىڭ ناھىيەسى ئاقچى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋ راكىدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىلى. پوستى نېپىز، ئېتى قېلىن، گۆشى تەملىك، ئوزۇقلۇق مىقدارى مول بولغان جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋ راكى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئاقچى دېھقانچىلىق مەيدانى كۆپ تەرەپ كېڭىشىپ، باقمىچىلارغا يېڭى راكلارنى سېتىشىپ بەردى.

  ليۇ چۈەن فوتوسى

  8-ئاينىڭ 12-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى ئاقچى دېھقانچىلىق مەيدانى جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋ راكىدىن مول ھوسۇل ئېلىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى.

  ليۇ چۈەن فوتوسى

  8-ئاينىڭ 16-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئاۋات ناھىيەسى تامتوغراق بازىرى تۆۋەن توغراق كەنتىدە كۆك پوستلىق ياڭاق توشۇماقتا.

  باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

  8-ئاينىڭ 16-كۈنى، باغراش ناھىيەسى ئۇلان جېكسىن يېزىسى ئۇلان جېكسىن كەنتىدىكى شوخلا يىغىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان كۆرۈنۈشى. ھازىر، شوخلىلار پىشىپ دەل ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، باغراش ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلار يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، كىشىلەرنى شوخلا يىغىشقا پائال تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

  خۇ شىچى فوتوسى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى