قىزىل جىلىتكىلىك پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ ئوت-چۆپ ئورۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى

日期:2022年08月16日
来源:天山网
【字体:

ھازىر، دەل ئوت-چۆپ ئورۇيدىغان مەزگىل، ئالتاي شەھىرىنىڭ سارخولىسۇن يېزىسى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قاتارلىقلاردىن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، نۆۋەتتە قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىشلىق يەم-خەشەك يىغىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

8-ئاينىڭ 11-كۈنى، سارخولىسۇن يېزىسى قاراتېرەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرلاخۇننىڭ ئوتلىقىدا، ئالتاي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ سارخولىسۇن يېزىسىنىڭ قاراتېرەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ كادىرلىرى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ يەم-خەشەك ئورۇشۇپ بەردى.

نۇرلاخۇن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئۆيىدە ساغلاملىقنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ئېلىپ بېرىۋاتاتتى، ئائىلىسىدە باشقا ئەمگەك كۈچى بولمىغاچقا، ئوت-چۆپ ئورۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، قىشلىق يەم-خەشەك تەييارلىشىغا تەسىر يەتتى. كەنت ئاھالە كومىتېتى ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، دەرھال ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان كادىرلار، خىزمەت ئەترىتى، كەنت كادىرلىرى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، «ئوت-چۆپ ئورۇش قىزىل جىلىتكىلىك پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» تەشكىللەپ، نۇرلاخۇننىڭ ئوتلىقىغا كېلىپ، بىر كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۇنىڭ 30 مو ئوتلىقىدىكى ئوت-چۆپ، يەم-خەشەكنىڭ ھەممىسىنى«ئامبار»غا كىرگۈزدى.

ئېگىز دۆۋىلەنگەن ئوت-چۆپ دۆۋىسىگە قاراپ، نۇرلاخۇن مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە ياخشى كادىرلارنى تەربىيەلەپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت، ئۇلار ماڭا ياردەم قىلىپ قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلىپ بەردى، مۇشۇ ئوت-چۆپلەر بولسىلا، ئۆيۈمدىكى قوي-كالىلار قىشتىن ئامان-ئېسەن ئۆتەلەيدۇ.»

ئامما قەيەردە بولسا، پىدائىيلار مۇلازىمىتى شۇ يەرگە باردى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئىدىيە قىلغان پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تومۇز ئىسسىقتا ئوت-چۆپ ئورۇش، ئوت-چۆپ يىغىش، توشۇش ئارقىلىق، سەمىمىيلىكى ۋە قىزغىنلىقى بىلەن «تۆھپە قوشۇش، دوستانە ئ‍ۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئالغا ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت پىدائىيلار مۇلازىمەت روھىنى ئىزاھلىدى. ئىگىلىنىشىچە، قاراتېرەك كەنتى ئوت-چۆپ ئورۇش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كەنتتىكى ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغان بەش ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ جەمئىي 100 مودىن ئارتۇق يەردىكى ئوت-چۆپىنى ئورۇپ بەرگەن.

«ئامما خىزمىتىدە كىچىك ئىش يوق، ئاممىنىڭ مەنپەئىتى چوڭ ئىش. كېيىنكى قەدەمدە، بىز داۋاملىق ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردىن باشلاپ قول سېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ <سىردىشى> بولۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى ئىنچىكە، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمىز» دېدى قاراتېرەك كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قۇئانغازى بولات.

(ئىختىيارىي مۇخبىر قارلىغاش)

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى