3-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ چارىباغ يېزىسى باش سوغاق قۇم كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى گۈلچىمەن ئابدۇرىشىت (ئوتتۇرىدا) موگۇ پارنىكىدا كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە موگۇ يىغماقتا. 2018-يىلىدىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر موگۇ ئۆستۈرۈشنى راۋاجلاندۇرۇشنى بۇ كەنتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يېڭى يولى قىلىپ بېكىتتى. ھازىر، پۈتۈن كەنتتىكى زەمبۇرۇغ خالتىسىنىڭ سانى 6000 غا يەتكەن بولۇپ، موگۇنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 6 توننا ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.