ئالتاي شەھىرى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر «يايلاق كۆچۈرۈش ئەترىتى» تەشكىللەپ چارۋىچىلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى

日期:2019年03月25日
来源:天山网
【字体:

يەنە بىر يىلدىكى يايلاق كۆچۈش مەزگىلى. يېقىندا، ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرى ئالاقاق بازىرى بىتەۋتال كەنتىدىكى چارۋىچىلار ساۋىر تېغىدىكى ۋاقىتلىق قىشلاقتىن ئېرتىش دەرياسى ۋادىسىدىكى قىشلاققا كۆچتى. بۇ قېتىم 50 نەچچە چارۋىچىنىڭ 5000 تۇياقتىن ئارتۇق چارۋىسى يايلاق كۆچۈشنى كۈتىۋاتقان بولۇپ، يايلاق كۆچۈش مۇساپىسى تەخمىنەن 200 كىلومېتىر كېلىدۇ.

چارۋىلارنى بىخەتەر كۆچۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالتاي شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يايلاق كۆچۈش مەخسۇس يىغىنى ئېچىپ، خىزمەت ئەترىتى، كەنت كادىرلىرى، مول تەجرىبىلىك چارۋىچىلاردىن ئىبارەت ئالتە كىشىدىن تەشكىللەنگەن «يايلاق كۆچۈرۈش ئەترىتى» قۇرۇپ، يايلاق كۆچۈش يولىدا چارۋىچىلارنى يېمەكلىك، يايلاق كۆچۈش لىنىيىسىنى كۆرسىتىش ۋە يەم-خەشەك توشۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، چارۋىچىلارنىڭ چارۋىلىرىنىڭ ئېرتىش دەرياسى ۋادىسىغا بىخەتەر يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

يايلاق كۆچۈش يولىدا، يولدىن ئادىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىراق. «يايلاق كۆچۈرۈش ئەترىتى» بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، تەرتىپ بويىچە كۆچۈردى. ئۇلار كۈندۈزى يايلاق كۆچۈۋاتقان چارۋىچىلارغا چاي قاينىتىپ، تاماق ئېتىپ بەرسە، كەچتە ئاپتوموبىل چىرىغىدا يول باشلاپ، تۆت كېچە-كۈندۈز يول مېڭىپ، بارلىق چارۋىلارنى بىخەتەر ھالدا ئېرتىش دەريا ۋادىسىغا كۆچۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، بىتەۋتال كەنتىدىكى بارلىق چارۋىچىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانى دەريا ۋادىسىنى تۈزەپ بولغاندىن كېيىن، 4-ئاينىڭ باشلىرىدا قوزىلىتىش نۇقتىسىغا كۆچۈپ، قوزىلىتىش، بېقىشنى باشلاپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولىدىكەن. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر «يايلاق كۆچۈرۈش ئەترىتى» نىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يايلاق كۆچۈۋاتقان چارۋىچىلارغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ.