قارامەت كەنتىدىكىلەر بەس ـ بەستە بېيىش ئۈچۈن ئالدىراش ئىشلىمەكتە

日期:2022年02月11日
来源:天山网
【字体:

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

1 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى سائەت 12دە، خوتەن شەھىرى تۇساللا بازىرى قارامەت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئوبۇلھەسەن مەتنىياز بىر داس يەم ـ خەشەكنى كۆتۈرۈپ، ئارقا ھويلىسىغا قاراپ توخۇلارنى چاقىرغىنىچە كاتەككە كىردى، نەچچە ئون توخۇ قاناتلىرىنى كېرىپ بويۇنلىرىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كەلدى.

بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن ئوبۇلھەسەن قارامەت كەنتىدىكى باقمىچىلىق ماھىرى. ئۇنىڭ ئارقا ھويلىسىغا كىرسىڭىز، توخۇلار قاقىلداۋاتقان، غازلار غاقىلداۋاتقان، قوي ـ كالىلار قوتانغا لىق تولغان، روناق تاپقان دېھقان ئائىلىسى مەنزىرىسىنى كۆرىسىز. نەچچە يىل ئىلگىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، ئوبۇلھەسەن ئارقا ھويلىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆي قۇشى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ 500 توخۇسى 5000دىن ئاشتى، يەنە كىچىك تىپتىكى يەم ـ خەشەك پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى، يىللىق كىرىمى 200 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، كۈنلىرى ئىنتايىن باياشات ئۆتمەكتە.

بېيىغان ئوبۇلھەسەن بۇنىڭ بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، كەنتتىكى ھەممەيلەننىڭ ئۆزىگە ئوخشاش بېيىشىنى ئۈمىد قىلدى.

«بىزنىڭ مۇنداق بىر ماقال ـ تەمسىلىمىز بار: ئىشچان گۆش يەيدۇ، ھۇرۇن سوغۇق سۇ ئىچىدۇ.» ئوبۇلھەسەن مۇنداق دېدى: بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، مەنمۇ قانداق قىلسام پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغانىدىم. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن، مەن نىيە قارا توخۇسى باقتىم ھەم ئىزچىل داۋاملاشتۇردۇم، ھازىر بەختنىڭ جاپالىق ئىشلەشتىن كېلىدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

ئوبۇلھەسەننىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسىدە، ئۇنىڭ ئىنىسى، قوشنىسى قاتارلىق ئون نەچچە كىشى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئۇنىڭدىن باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. «پەقەت تىرىشىپ ئىشلىگەندىلا، چوقۇم ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.» ئۇ ھەمىشە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى مۇشۇنداق دەپ ئىلھاملاندۇردى.

كەنت ئاھالىلىرى ئوبۇلھەسەننىڭ سۆزلىرىگە چوڭقۇر ئىشەندى، ئۇنىڭدىن گۇمانلانمىدى، «ئۇ قەدەممۇقەدەم پۇختا ئىشلەپ نەتىجە ياراتتى، بىز ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئىشىنىمىز.» كەنت ئاھالىسى ئابدۇمەمەت تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە مېنىڭمۇ كىچىك تىپتىكى باقمىچىلىق مەيدانىم بار بولدى، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلاندى.

«قارىسام كەنتتىكى بەزى ياشلار ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن نېمە قىلىشنى بىلەلمەي يۈرىدىكەن، ماھارەت كۆپ بولسا ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، ئەگەر خالىسا، ئۇلارنىڭ كېلىپ مېنىڭدىن باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشىنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىمەن.» ئوبۇلھەسەن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، مەن باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، بىر باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن.

«ھازىر، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ھەمدە باشقا ماھارەتلەرنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ.» قارامەت كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى ۋېنخۇا مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى بېيىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولدى، كۆپچىلىك تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماھارەت ئۆگەندى، پۈتۈن كەنتتە بەس ـ بەستە بېيىش ئۈچۈن ئالدىراش ئىشلەيدىغان ياخشى كەيپىيات نامايان بولدى.