ئونسۇ ناھىيەسى: يېمەك-ئىچمەك مۇسابىقىسى ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنىڭ ساياھەتچىلىكىگە تۈرتكە بولۇش

日期:2019年03月25日
来源:天山网
【字体:

3-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى كومسۇمول بازىرى چاچلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ھويلىسىدا تۇنجى نۆۋەتلىك يېمەك-ئىچمەك بايرىمى ۋە يېزا ئاشپەزلىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، كەنتتىكى 12«ئاشپەز» بىر يەرگە جەم بولۇپ، نەق مەيداندا ئاشپەزلىك ھۈنىرى جەھەتتە مۇسابىقىلەشتى.

ئالاھىدە نارىن، پولۇ، قوي گۆشى شورپىسى، قېتىق، پېتىرمانتا، داپەنجى.... مۇسابىقە نەق مەيدانىدا 14خىل تاماق نامايان بولدى، ئاشپەزلەر تاللاپ ئىشلەتكەن ماتېرىياللارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز جايىدىنئېلىنغان،كەنتتىكىلەر ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ ئۆزى ساتقان يەرلىك مەھسۇلاتلار بولغاچقا، مەززىلىك ۋە كۆركەم ئىدى.

تۇرمۇشتا دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان تاماقلار بولسىمۇ، بىراق تاماق ئېتىش ئۇسۇلى جەھەتتىن كۈچ سەرپ قىلىنغانىدى. «توخۇ بولسا بىز ئۆزىمىز بېقىۋاتقان يەرلىك توخۇ، رەڭ كىرگۈزگەندە ئىشلەتكىنىمىز ناۋات. ناۋاتنىڭ ئىسسىقنى ياندۇرۇش، يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەم بوشىتىش رولى بار، بىراق توخۇ گۆشىنى كۆپ يېگەندە بەدەننىڭ ھۆل ئىسسىقى ئارتىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئىككىسىنى بىرلەشتۈرگەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئۆزىمىز تەڭشىگەن خۇشپۇراق ماتېرىياللارنى ئىشلەتسەك، يېزىدىكى ئېسىل تائام دېيىشكە بولىدۇ» دېدى كەنتتە ئاشخانا ئاچىدىغان توختى رەھمىتۇللا.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، بىرىنچى شۇجى جۈرئەت ئوسمان مۇنداق دېدى: بىر تەخسە داڭلىق قورۇما ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ، يەنە شۇ جاينىڭ يېمەك-ئىچمەك، ياتاق قاتارلىق ساياھەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. بىز ئاشپەزلىك مۇسابىقىسى ئارقىلىق، ئاقسۇنىڭ يەرلىك يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى قېزىپ، ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەرلىك ئالاھىدە قورۇمىلارنى تەييارلاشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، يېمەك-ئىچمەك، ئائىلە ياتىقى، ساياھەت بىر گەۋدىلەشكەن دېھقانچىلىق بىلەن ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش ئىقتىسادى تەرەققىيات زەنجىرىنى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ