3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ چىفاڭ تەۋەلىك رايونى ئارشاڭ مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەھەللە كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئاھالىلەرنى تەشكىللەپ، لەگلەك ئۇچۇرۇش، تۇخۇمنى تىك تۇرغۇزۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىش مەۋسۇمىنى كۈتۈۋالدى. سۈرەتتە، تەۋەلىك يەسلىدىكى كىچىك دوستلار ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بىللە لەگلەك ئۇچۇرماقتا.
(سۈن جېنسۇڭ فوتوسى)