بىر چىنە ئۇسسۇلىنىڭ بىر كەنتكە ئېلىپ كەلگەن ھاياتىي كۈچى

日期:2019年03月21日
来源:天山网
【字体:

 فۇ شۆنى چىنە ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.

 فۇ شۆنى يەسلىدىكى كىچىك دوستلارنى يېتەكلەپ تالادا ئۇسسۇل دەرسى ئۆتمەكتە.

مۇخبىرىمىز ما شاۋبىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر يىڭسەي خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدىكى بازاردا، يېڭىئۆستەڭ يېزىسى يىڭنە قاش كەنت ئاھالىسى مېھرىنىسا ئەخەت ئۆزى بىلەن بىللە بازارغا چىققان قوشنا كەنتتىكى ئاچا-سىڭىللىرىغا ماختىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ كەنتنىڭ خىزمەت ئەترىتىدىكى شياۋفۇگۈل چىنە ئۇسسۇلىنى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى ئۇسسۇلچىلاردىنمۇ بەكرەك ياخشى ئوينايدۇ.

مېھرىنىسا ئەخەت تىلغا ئالغان شياۋفۇگۈلنىڭ ئىسىمى فۇ شۆنى، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات ( گۇرۇھى ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش شىركىتى دەپ ئېلىندى) قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى يىڭنە قاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇ شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، بۇ يىل ئۇ كەنتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى. ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا، 26 ياشلىق فۇ شۆنى كەنتتە ئۇسسۇل گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، كۆپچىلىككە ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەتتى، يەنە كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر، تەسىرلىك ھېكايىلەربايان قىلىنغان ناخشا-ئۇسسۇل تىياتىرىنى رەپىتىس قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ھەر قېتىم كەنتتە ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەندە، ئۇسسۇل ئەترىتىنىڭ نومۇرلىرى كۆپچىلىك ئەڭ ئىنتىزار بولىدىغان نومۇرلار بولۇپ قالدى.

مېھرىنىسا ئەخەت ئۇسسۇل ئويناشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ، ئۇسسۇل ئەترىتى قۇرۇلغاندا، ئۇ بىرىنچى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇردى. ئۇ شۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ، دەسلەپتە كۆپچىلىك شىياۋفۇگۈلنى ئانچە ئېتىراپ قىلىپ كەتمىگەن ئىدى، تاكى بۇلتۇر 6-ئايدا، كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان « مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش » بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە، شىياۋفۇگۈلىنىڭ چىنە ئۇسسۇلى كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇردى، دېدى.

«شۇ چاغدا ئۇنىڭ بېشىدا ئالتە تال چىنە بار ئىدى، چىنە ئىچىدە تېخى سۇمۇ بار بولۇپ، مەيلى قانداق ئوينىسۇن، ئۇ چىنە مىدىرلاپمۇ قويمىدى، ئۇ ئۇسسۇل ئويناپ بولغاندىن كېيىن، قاچىدىكى سۇنى تۆكۈۋىدى، كەنت ئاھالىلىرى ئاندىن ئېسىگە كېلىپ، ھەممىسى چاۋاك چېلىشىپ كەتتى» دېدى مېھرىنسا ئەخەت. شۇنىڭدىن كېيىن، « شىياۋفۇگۈل » دېگەن ئىسىم كەنتتە تارقىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنى ئۇسسۇل ئەترىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

فۇ شۆنى مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، كۆپ ساندىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىرلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاندىن بۇ ئۇسسۇل ئەترىتىنى ئالاھىدە تەشكىللەپ قۇردۇق، مەن كەلگۈسىدە بىزنىڭ ئۇسسۇل ئەترىتىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ مۇنەۋۋەر نومۇرلىرىنى ئېلىپ، كەنتتىن، يېزىدىن چىقىپ، تېخىمۇ چوڭ سەھنىلەرگە قەدەم بېسىپ، ئۆز ھېكايىسىنى نامايەن قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ يىل « 8-مارت » خەلقئارا ئاياللار بايرىمىدا، يىڭنە قاش كەنتىدىكى ياش ئاياللار فۇ شۆنى ئۆگەتكەن دوۋيىندا داڭق چىقارغان Panama دېگەن ئۇسسۇلنى ئويناپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ھەيران قالدۇردى.

فۇ شۆنى مۇنداق دېدى: بۇ ئۇسسۇلدا ناھايىتى كۆپ يانپاش تولغىما ھەرىكەتلىرى بار، باشلىنىشتا، قىزلار خىجىل بولۇپ ئېچىلالمىدى، مەن ئۇلارغا نۇرغۇن قېتىم ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردىم، ئۇلارنى ياشلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، قانغۇچە ئويناشقا رىغبەتلەندۈردۈم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاستا-ئاستا ئۆزلىرىنى قويۇپ بەردى.

كەنتكە چۈشكەندىن بېرى، فۇ شۆنى ئاساسلىقى ئاممىۋى خىزمەتكە مەسئۇل بولدى، ئۇسسۇل ئەترىتى قۇرغاندىن باشقا، ئۇ يەنە ئۇدا ئىككى يىل كەنتتە « چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى»نى پىلانلاپ تەشكىللىدى. 2018 ـ يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى، ناخشا ئۇسسۇل نومۇرى « شەرق قىزاردى » بىلەن باشلىنىپ، ئېتوت ، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، مىللىي ئۇسسۇل قاتارلىق نومۇرلار ئورۇندالدى؛ 2019 ـ يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى بولسا، ياڭگېر ئۇسسۇلى بىلەن باشلاندى، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر قوش كىشىلىك ۋالىس ئوينىدى، يەنە چۈنلىيەن كۆرگەزمە قىلىنىپ، چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ چاغان پۇرىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى.

يىڭنە قاش كەنتى كادىرى خالىدەم مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كەنتتىكى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە، ھەر يىلى ئوخشاش ئۇسسۇل ئوينىلاتتى؛شىياۋفۇگۈل كەلگەندىن كېيىن، كەنتتىكى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، بارغانسېرى قىزىپ كەتتى.

ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدا، يىڭنە قاش كەنتىدە يەنە بىر ياڭگېر ئۇسسۇلى ئەترىتى قۇرۇلۇپ، فۇ شۆنى مەشىق قىلىدۇرۇشقا مەسئۇل بولدى. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، بۇ ياڭگېر ئۇسسۇلى ئەترىتى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى 2019-يىللىق « ياڭگېر ئۇسسۇلى ئويناپ، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلايلى» ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

يىڭنە قاش كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خالىقجان توختى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ كەنتتىكى ياڭگېر ئۇسسۇلى ئەترىتىدە چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال، قېرى-ياش ھەممىسى بار، ئۇلار بىر ئايدىن كۆپرەك مەشىق قىلىپلا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇنىڭ ھەممىسى شىياۋفۇگۈلنىڭ تۆھپىسى.

  ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چىكىپ كۆرۈڭ