چەرچەن ناھىيەسى: ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ياردەمچى قوشۇنى دېھقان ئاممىنىڭ غەمگۈزارى

日期:2019年03月21日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئاقتىكەندۆڭ يېزىسى ئىسسىق ئوتاق كەنتىدە تۇرۇشلۇقخىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرى ئېتىز بېشى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ھويلا-ئارانلىرىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇلار كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھويلىلارنى رەتلەپ، ئېغىللارنى تازىلاپ، ئوغۇت توشۇپ، تۈز يەرگە چۆنەك تارتىپ، ئېرىق- ئۆستەڭلەرنى تازىلىدى...

مۇخبىرلار ئىسسىق ئوتاق كەنتىدىكى پىشقەدەم پارتىيە ئەزاسى يەن رۇچېنىڭ ئېتىزىغا بارغاندا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭقولىغا گۈرجەكنى ئېلىپ، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئېرىقنى تازىلاشقا ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. يەن رۇچې مۇنداق دېدى: ھازىر دەل ئېتىزدا ئەمگەك قىلىدىغان پەسىل، ھەممە ئائىلە دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، ئادەم ياللاپ ئىشلىتىش تەسكە توختىدى، خىزمەت ئەترىتى بۇنى ئۇققاندىن كېيىن، ئادەم ياللىشىمغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ماڭا ياردەملىشىپ ئىشلىشىپ بەردى، ئۇلارغا بەك رەھمەت ئېيتىمەن.

ئىگىلىنىشىچە، يەن رۇچې ئائىلىسىنىڭ 105 مو يېرى بار بولۇپ، ھۆددىگە ئالغان 80 مو يېرىنى قوشقاندا، جەمئىي 185 مو يېرى بار ئىكەن، ھازىر دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى بولغاچقا، 100 مودىن كۆپ يەرگە ئادەم ياللاپ تۈزلەش، چۆنەك تارتىشقا توغرا كەلگەن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى يېزا- بازارلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى ئۇچۇرىئەۋەتكەن. خىزمەت ئەترىتىنىڭ تىرىشچانلىقىدا،ئەتراپتىكى يېزا- بازارلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى خىزمەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە يەن رۇچېنىڭ كۆز ئالدىدىكى جىددىي قىيىنچىلىقىنىمۇ ھەل قىلىپ بەرگەن.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئاينۇر نىياز مۇنداق دېدى: ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك، بىز ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتەك تەرەققىيات يولىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا يولۇققان كونكرېت مەسىلىلىرىنىمۇ ھەل قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيمىز.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ