ئالتاي شەھىرى: پىچىنە- پىرەنىك كۇرسى ئاھالىلەر ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى ئېچىپ بەردى

日期:2019年03月21日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، ئالتاي شەھىرى جىنشەن يولى كوچىسىدىكى ھەر قايسى مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئالتاي شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە جىنشەن يولى ھەر قايسى ئاھالىلەر كومىتېتلىرىدا تۇرۇشلۇقخىزمەت ئەترىتى جىنشەن يولى كوچا باشقارمىسى ئەمگەك كاپالەت ئورنى بىلەن بىرلىكتە، 15 كۈنلۈك پىچىنە- پىرەنىك كۇرسى ئاچتى. ھازىر، 50تىن ئارتۇق ئاھالە تىزىملىتىپ كۇرسقا قاتناشتى.

كۇرستا، پىچىنە- پىرەنىك ئۇستىسى ئەستايىدىل يېتەكچىلىك قىلىپ، كۇرسانتلار بىلەن بىرلىكتە ھەر تۈرلۈك، تەملىك پىچىنە- پىرەنىكلەرنى پىشۇردى. پىچىنە- پىرەنىك ئۇستىسى پىرەنىك پىشۇرۇش تېخنىكىلىرىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىلىرىنىمۇ ھەمبەھرىلەپ، ئاھالىلەرگەماھارەت ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەردى.

ئاھالە ليۇ شىنشېڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلىگۈم بار ئىدى، خىزمەت ئەترىتى مېنى مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، ئىشىك ئالدىدىلا ھەرخىل پىچىنە- پىرەنىكلەرنى پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنەلەيمىز، مەن ياخشى ئۆگىنىپ، بالدۇرراق ئىگىلىك تىكلەيمەن.

ئالتاي شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ جىنشەن يولى كوچىسى جىنشەن شىمالىي يولى ئاھالىلەر كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق 1- شۇجىسى ئۇلان خادىكېن مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى،تەرەققياتنىڭ مەنبەسى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى ئاساسىي ئالدىنقى شەرت ۋە يول. بىز چوقۇم شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىدىكى باشلامچىسى بولۇپ، ئاھالىلەرنى بالدۇرراق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمىز.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ