توقسۇ ناھىيەسى: كەپتەر باقمىچىلىقى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى

日期:2019年03月21日
来源:天山网
【字体:

توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدىكى كەپتەر باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، كەپتەرنىڭ «گۇگۇ» قىلغان ئاۋازلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. كەپتەرگە دان بېرىۋاتقان ئەزىز قۇربان پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: مەن ھازىر 2000 جۈپ كەپتەر باقىمەن،ئائىلىمىز بۇ كەنتتىكى چوڭ كەپتەر باقمىچىلىق ئائىلىسى ھېساپلىنىدۇ.

جاي كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كەپتەر بېقىش ئادىتى بار بولۇپ، 2018-يىلى 3-ئايدا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، كەپتەر باقمىچىلىقىنى بىر كەسىپ تۈرى قىلىپ بېكىتىشنى قارار قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ۋاكالەت ئورۇنلىرىۋە توقسۇ ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، 6000 كىۋادراتمېتىر كۆلەمدەئۇنىۋېرسال كەپتەر بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ھەقسىز كاتەك، قەپەز ياساپ، كەپتەرنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سالغان.

«مەن ئەسلىدىنلا كەپتەر بېقىشنى ياخشى كۆرەتتىم، ئەمما ئىلمىي ئۇسۇلدابېقىشنى بىلمەيتتىم، شۇڭلاشقاكەپتەرلىرىمنىڭ جۇغى كىچىك بولۇپ،پايدىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغان ئىدى، خىزمەت گۇرۇپپىسى مېنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىشىمغا يېتەكچىلىك قىلدى، ماڭا كاتەكنى قەۋەتكە بۆلۈپ كەپتەر بېقىشنى ئۆگەتتى، يەنە كەپتەرنى بازار باھاسى بويىچە يىغىۋالدى، ھېسابلاپ باقسام، مەن كەپتەر باققان بۇ بىر يىلدا 6000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدىكەنمەن.» دېدى كەنت ئاھالىسى ياسىن ئابلا ھاياجانلانغان ھالدا. ئۇنىڭغا ئوخشاش، كەنت ئاھالىسى دايىم ئەخمەتمۇ كەپتەر باقمىچىلىقى تىلغا ئېلىنسا، خۇشاللىقىدىن ئېغىزىنى يۇمالمايلا قالىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇرۇن ئۆيدە كەپتەر باقاتتىم، تەجرىبەم بار، كەنتتە باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندا مەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭغا قوشۇلدۇم، بازارلىق چارۋا-مال پونكىتىنىڭ مال دوختۇرى قەرەللىك ھالدا كېلىپ كەپتەرلەرگە ۋاكسېنا ئۇرىدۇ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە كەپتەر بېقىش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، باقمىچىلىق تەلىپى ۋە بازار ئىستىقبالىنىچۈشەندۈرۈپ قويدى. بۇ يىل، مەن ئۆيۈمدىكى كەپتەر كاتىكىنى يەنە بىر ھەسسە كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتىمەن، كەپتەر باقمىچىلىقى ئارقىلىق بېيىش يولىغا ماڭىمەن.

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجىسى دىلمۇرات ئاۋۇت تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: بىزنىڭكەپتەر باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز يۇقۇمنىڭئالدىنى ئېلىش، ياخشى سورتلارنى يېتىشتۈرۈش، يەم- خەشەك رېتسىپى قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئاساسەن ئىگىلەپ بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى سورتلۇق كەپتەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن سىرت، ھەر ئايدا 22 مىڭ گۆش كەپتىرىساتىدۇ، ئەمەلگە ئاشقان پايدا 200 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنى باقمىچىلىق كوپىراتىپىغا قوشۇلۇشقا جەلپ قىلىمىز، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىتىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالىمىز.» (ئاقسۇ ۋىلايىتى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ۋاڭ مىڭلياڭ، جۇ جىۋېي تەمىنلىگەن)

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ