بۈگۈر ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا خىمىيىۋى ئوغۇت تارقىتىپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ياردەم بەردى

日期:2019年03月12日
来源:天山网
【字体:

3-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەلىك زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ يېڭىسار بازىرى تالابۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى قىيىنچىلىقى بار 63 ئاممىغا 6.5 توننا خىمىيىۋى ئوغۇت تارقىتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىگە ياردەم بەردى.

«كۆپچىلىك ئوغۇتلاش جەريانىدا چوقۇم بۇلتۇرقى ئوغۇتلاش ئەھۋالىغا ئاساسەن كونترول قىلىڭلار، ئوغۇتلاش مىقدارى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولۇشى ناتايىن، جايىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.» خىمىيىۋى ئوغۇت تارقىتىۋاتقان مەيداندا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يېڭىسار بازىرىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىنى نەق مەيداندا خىمىيىۋى ئوغۇت ئالغان دېھقانلارغا سۇ ۋە ئوغۇتنى كونترول قىلىش مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەھسۇلات ۋە كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە ياردەم قىلدى.

«پارتىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ بىزگە خىمىيىۋى ئوغۇت تارقىتىپ بەرگىنىگە رەھمەت. مەن چوقۇم يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، كىرىمنى سىجىل ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرىمەن.» دېدى تالابۇلاق كەنتى ئاھالىسى ئىمىن ياسىن ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىگە قارىتا ئىشەنچكە تولغان ھالدا.

تالابۇلاق كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى نيۇ يۇڭخۇڭ مۇنداق دېدى: كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ھەقسىز خىمىيىۋى ئوغۇت تارقاتقاندىن باشقا، كېيىنكى قەدەمدە، بىز يەنە يېزا دېھقانچىلىق تېخنىكىسى كەسپىي خادىملىرىدىن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ پۇختا قەدەمدە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ.