ئاقسۇ شەھىرى: پارنىكتا مايسىلار ئۆسۈپ، يېشىل «گىلەملەر» «كەشتىلەندى»‏

日期:2019年03月10日
来源:天山网
【字体:

ئاقسۇ شەھىرى دولان تەۋەلىك رايونى يېرما مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە خۇاڭ زۇڭۋېن بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ، بىر تەرەپتىن:«بۇ بىر نەچچە كۈن بەل ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق، پارنىك تېرىقچىلىقى مۇشۇنداق بولىدۇ، ئىش قىلىدىغان ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بۇ ئىككى پارنىكتىكى مايسىلارنى ئۆزەم كۆچۈرسەم ئىككى كۈندە كۆچۈرىمەن، ھېلىمۇ ياخشى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كېلىپ ياردەم قىلدى، مانا ناھايىتى تېزلا ئىشنىڭ يېرىمى تۈگەي دەپ قالدى. مايسىلارنى بالدۇرراق كۆچۈرۈپ بولسام، ۋاقىت چىقىرىپ باشقا ئىشلارنى قىلالايمەن، ئېتىزدىكى ئىشلار تېخى جىق. سىلەرگە كۆپ رەھمەت!» دېدى.

يېقىندا، ھاۋا بارغانسېرى ئىللىشقا باشلىدى، ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تەۋەلىك رايونىدىكى پارنىك تېرىقچىلىق رايونىدا ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشەندى ھەم سەي-كۆكتاتلارنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. خۇاڭ زۇڭۋېننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر پارنىكتا كۆكتات مايسلىرىنى كۆچۈرۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى، تۇتاش كەتكەن مايسا يېتىشتۈرۈش ئىستاكانىدىكى مايسىلار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسى شۇنداقلا ئىككى تۇغقىنى بىردەم مايسا كولاپ، بىردەم مايسا تىكىپ، يەنە بىردەم سۇغىرىپ، ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

مايسا كۆچۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ قارىماققا ئاددىي ئەمما كەشتە تىكىشكە ئوخشاش ئىنچىكىلىكنى تەلەپ قىلىدىغان بۇ ئىش ئەزەلدىن دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ باقمىغان خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى بەكمۇ جەلپ قىلدى، كۆپچىلىك گەپ قىلمايلا بەس-بەستە يەڭلىرىنى تۈرۈپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئادەم كۆپ بولسا كۈچ زور بولىدۇ، كىچىك مايسىلار ئىنتايىن تېزلا «يېڭى ئۆي»لىرىنى تېپىۋېلىپ، روھلۇق ھالدا قەد كۆتۈرۈپ، خۇددى:«نېمىدىگەن راھەت، مەن تېزرەك چوڭ بولاي!» دەۋاتقاندەك قىلاتتى.

«بىز ئىزچىل كۆڭۈل قويۇپ خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، خەلقنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە ياردەم قىلىش يوللىرىنى ئىزدەش توغرىسىدا ئىزدەندۇق، پارنىك تېرىقچىلىق رايونىغا قارىتا، بىز قەرەللىك ھالدا مۇتەخەسسىسلەرنى كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىشكە تەشكىللەپ، ئاكتىپ ھالدا ھەر تەرەپنىڭ كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىشقا، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە كادىرلارنى تەشكىللەپ ۋاقىت قوغلىشىشقا ياردەم بېرىپ، تېرىقچىلىق قىلىدىغان ئائىلىلەرنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق ئارقىلىق بالدۇرراق باي بولۇشىغا ياردەم بەردۇق»، دېدى 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى خې تيېمېي. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن مېھراي، جاڭ نا تەمىنلىگەن)

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ