قومۇل شەھىرى: ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش ئالدىراشچىلىقى ‏

日期:2019年03月09日
来源:天山网
【字体:

«بۇ يىل يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىنىڭ تېخنىك خادىملىرى ئېتىزلارغا كېلىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكچىلىك قىلدى، مەن بىر مو يەرگە قانچە كىلوگىرام ئوغۇت بېرىش، تىراكتور، ئۇرۇق چېچىش ماشىنىسىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىش قاتارلىق دېھقانچىلىق تېرىقچىلىق بىلىملىرىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندىم، بۇ يىل كىرىمىمنى ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىم بار»، دېدى قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى نەنخۇ يېزىسىنىڭ خوڭسەن كەنتىدىكى ئاھالە سەي ۋەنفۇ.

يېقىندا، قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى خوڭسەن كەنتىدە قومۇل قوغۇنى تېرىش ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە باشلىدى. چاغاندىن بۇرۇن كەنت ئاھالىلىرى قوغۇن تېرىيدىغان ئېتىزلارنى ئاغدۇرۇپ بولغانلىقتىن، ھازىر، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت ئاھالىلىرى ئاساسلىقى سۇلياۋ يوپۇق، ئوغۇت، ئۇرۇق قاتارلىق دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋېلىش، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۇرۇق چېچىش ئۈچۈن تەييارلىقلارنى تولۇق ئىشلىدى.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى خې جۈنيۇڭ: «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئېتىزلارغا بېرىپ، دېھقانلار بىلەن بىللە ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمەتلىرى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ئالدىن تۈگىتىپ، دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان ماددىي ئەشيالارنى ئالدىن تەييارلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مول ھوسۇل ئېلىشى ئۈچۈن ياردەم بەردى»، دېدى. (قومۇل شەھەرلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىنىڭ ئىۋىرغول رايونى نەنخۇ يېزىسى خوڭسەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن دوۋ شياۋفېي تەمىنلىگەن)

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ.