قوشماقلاشقان تۇغقانلار جەنۇبىي ۋوگزالدا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئىشلىرىنى قىلدى

日期:2019年03月06日
来源:天山网
【字体:

3-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا، سايباغ رايونى يامالىق تاغ تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ پىدائىيلىرى بىللە رېشاتكا سۈرتمەكتە.

3-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى يامالىق تاغ تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى گۇرۇھى (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتخانىسى) نىڭ باۋشەن مەھەللىسى، شياۋيۈەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى قاتارلىق 17 خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرلىرى مەھەللە كومىتېتى خىزمەتچىلىرى بىلەن بىللە، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى ئېلىپ جەنۇبىي ۋوگزال ئەتراپىغا كېلىپ، بىرلىكتە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئىشلىرىنى قىلدى.

«ياخشىمۇسىز، بېيجىڭ يولىغا بېرىش ئۈچۈن BRT1-يول ئاپتوبوسىغا ئولتۇرسىڭىز بولىدۇ، مەن ھازىر سىزنى بېكەتكە كىرىش ئېغىزىغا ئاپىرىپ قوياي.» 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، سايباغ رايونلۇق بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نەنجەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى ئايجامال ئابدۇرېھىم ۋوگزالدىن چىققان يولۇچى ۋاڭ شىنخۇڭغا يول كۆرسىتىۋاتاتتى.

ئايجامال قولىغا ئۆزى رەتلىگەن ئۈرۈمچى ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى قوللانمىسىنى ئېلىۋېلىپ، ۋوگزالدىن چىققان يولۇچىلارغائاپتوبوسقا ئولتۇرۇش توغرىسىدا ھەر ۋاقىت تەكىلپ بەردى، ئۇنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى لى چۈەنخاۋ ئۇنىڭ بىلەن بىللە يولۇچىلارنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

3-ئاينىڭ 5-كۈنى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش خاتىرە كۈنى، مەن تۇغقىنىم بىلەن بىللە پىدائىي بولدۇم، بىز جەنۇبىي ۋوگزالغا كىرىپ - چىقىدىغان يولۇچىلارغا يول كۆرسىتىپ، قايناقسۇ يەتكۈزۈپ بەردۇق، ئەخلەتلەرنى تېرىپ، يولۇچىلارغا ئازادە، كۆڭۈللۈك سەپەرگە چىقىش مۇھىتى ھازىرلىدۇق.» دېدى ئايجامال.

بۇ يەردىكى پىدائىيلار ۋوگزالغا كىرىپ - چىقىۋاتقان يولۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىكى پىدائىيلار قولىغا چېلەك بىلەن لاتا ئېلىپ، رېشاتكا ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرىنى سۈرتتى.

شۇ كۈنى پائالىيەتكە قاتناشقان قوشماقلاشقان تۇغقانلار 100 جۈپكە يېقىن بولۇپ، پائالىيەتتە قەلىبلەر ئۆزئارا ئىللىدى، مۇناسىۋەتمۇ يېقىنلاشتى.

  ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ.