مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى تازىلىق خادىملىرىغا «مېھىر-مۇھەببەت ئۆيى» قۇرۇپ بەردى

日期:2019年03月02日
来源:天山网
【字体:

2-ئاينىڭ 27-كۈنى، «مېھىر-مۇھەببەت ئۆيى» ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، مەھەللىدىكى پىدائىيلار تازىلىق خادىملىرىغا كۈتۈنۈش چەينىكى قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلدى.

2-ئاينىڭ 27-كۈنى، يولدا يىغىلىپ قالغان قارلارنى تازىلاۋاتقان تازىلىق خادىمى جۇڭ داجياڭنىڭ ئايىغى ئىچىگە قار كىرىپ كەتتى، ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى شەرقىي شېڭدا يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى رۈييۈەن مەھەللىسىدىكى «مېھىر-مۇھەببەت ئۆيى» گە كەلدى، بۇ يەردە ئۇ ئايىغىنى قۇرۇتۇپلا قالماي، يەنە ئىسسىق سۇ ئىچەلىدى.

بىر ھەپتە ئىلگىرى، بۇ مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تازىلىق خادىملىرىغا «مېھىر-مۇھەببەت ئۆيى» قۇرۇپ بېرىشى بىلەن، مەھەللىدىكى 25 تازىلىق خادىمىنىڭ دەم ئالىدىغان جايى بار بولدى.

«مېھىر-مۇھەببەت ئۆيى» مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇلازىمەت پونكىتى ئىچىدە بولۇپ، 10 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي ئىچىگە ئىسسىنىش ئەسلىھەلىرى، توك چەينىكى، زەرەتلىگۈچ، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق قاتارلىقلار سەپلەنگەن، يەنە كۆپچىلىك ئۈچۈن مەخسۇس ئۇزۇن ئورۇندۇق قاتارلىق دەم ئېلىش ئەسلىھەلىرى تەييارلانغان.

مىچۈەن-دۇڭسەن رايونلۇق ئىقتىساد-تەرەققىيات كومىتېتى (مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى) نىڭ رۈييۈەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى دىڭ گودۇڭ مۇنداق دېدى، مەھەللىدە زاۋۇت كۆپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىمۇ كۆپ، بولۇپمۇ قارلار ئېرىيدىغان مەزگىلدە تازىلىق خادىملىرىنىڭ خىزمەت مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆي بوشىتىلىپ «مېھىر-مۇھەببەت ئۆيى» قىلىندى. «مېھىر-مۇھەببەت ئۆيى» دىن پايدىلىنىپ، مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى يەنە تۈرلۈك پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتى ۋە تازىلىق خادىملىرىدىن ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپچىلىكنى مۇھىت تازىلىقىنى ئاسراش، مەدەنىي بولۇشقا چاقىرىق قىلدى.

ئەسلى ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ