خىزمەت ئەترىتى نامرات ئائىلىلەرگە يەم-خەشەك يەتكۈزدى

日期:2019年03月01日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، ئالتاي ۋىلايەتلىك چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ ئالتاي شەھىرى قىزىلتاش بازىرى سارقامىس كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-شۇجىسى قاسىمخان مۇتەللىپ ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا يەم-خەشەك كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنىڭ كۆپ ساندىكى دېھقان، چارۋىچىلار دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنى باشلاپ ئۆيمۇئۆي كىرىپ، زاپاس يەم-خەشەك ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

كەنت ئاھالىسى تابىسبېك ئورازخان ئائىلىسى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە. خىزمەت ئەترىتى تابىسبېك ئورازخاننىڭ ئۆيىگە بارغاندا قوتاندىكى تۆت كالىنىڭ ئورۇقلاپ، يەم-خەشەكلىرىنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆردى.

كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا قايتىقاندىن كېيىن، قاسىمخان مۇتەللىپ دەرھال جىددىي يىغىن ئېچىپ، نامرات ئاھالە تابىسبېك ئورازخان ئۆيىدىكى يەم-خەشەك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلدى ھەمدە يېقىن ئەتراپتىكى يەم-خەشەك سودىگەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 70 باغلام يەم-خەشەك سېتىۋالدى.

2-ئاينىڭ 25-كۈنى، لىققىدە يەم-خەشەك بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىلى تابىسبېك ئورازخاننىڭ قوتىنى ئالدىدا توختىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-شۇجىسى قاسىمخان مۇتەللىپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى تيەن يې ۋە قىزغىن كەنت ئاھالىلىرى يەم-خەشەكلەرنى قولمۇقول چۈشۈردى. تابىسبېك ئورازخاننىڭ چىرايىدىن غەم بۇلۇتلىرى تارىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يەم-خەشەك تۈگىگەن، يېڭى ئوت-چۆپلەر تېخى ئۆسمىگەن بۇ چاغدا راستىنلا قانداق قىلىشىمنى بىلمەي قالغانىدىم، خىزمەت ئەترىتىگە كۆپ رەھمەت.