导航切换

ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كاپالەتلىك قىلىش

日期:2021年03月17日
来源:天山网
【字体:

3-ئاينىڭ 16-كۈنى، پارتىيە ئەزالىرى، پىدائىيلار پارنىكتا لازا مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلماقتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جۇڭگو تېلېگراف پاي چەكلىك شىركىتى ئونسۇ ناھىيەلىك شۆبە شىركىتى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتى ئونسۇ ناھىيەلىك شۆبە شىركىتىنىڭ توپقان بازىرى يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەشكىللەپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ئېتىز-ئېرىق، پارنىكلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلارنىڭ كۆكتات مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلىشىغا ياردەم بەردى.

(يەن شوۋلىن فوتوسى)

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامما چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى قاينۇق بازارلىق ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىدا قەرز پۇل كەسپى بېجىرمەكتە. بۇ يىل، بۇ ناھىيەدىكى يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپلىرى 1 مىليارد يۈەن مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى قىلىش كىرېدىت ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قاندۇردى. ھازىرغا قەدەر، جەمئىي 690 مىليون يۈەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ قەرز پۇلى تارقىتىلدى.

(خۇا يەنمىڭ فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى