3-ئاينىڭ 12-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى كۇچا شەھىرى ئاقئۆستەڭ يېزىسى شوركۆل ئېرىق كەنتىدىكى كۆچەت يېتىشتۈرۈش بازىسىدا لازا مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقئۆستەڭ يېزىسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مېۋە-كۆكتات مايسىلىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.
ۋۇ لې فوتوسى
3-ئاينىڭ 11-كۈنى، پارتىيە ئەزالىرى، پىدائىيلار ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ كېۋەز شاخ-شۇمبىلىرىنى يىغىشىپ بەردى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ئاقتىكەن دۆڭ يېزىسى سېغىزلىق شىپاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرىنى تەشكىللەپ، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقى قىلىشىغا ياردەم بەردى.
رىزۋانگۈل ئىسمائىل فوتوسى
3-ئاينىڭ 12-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ قاينۇق بازىرى چېجى كەنتىدىكى دېھقانلار كۈزگى بۇغداينى ئوغۇتلىماقتا. بۇ ناھىيە بۇ يىل 359 مىڭ مو يەرگە كۈزگى بۇغداي تېرىغان بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولدى.
خۇا يەنمىڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى