يۈەنشياۋ بايرىمىدا, «سىلەر» بولساڭلارلا جەم بولىمىز ‏

日期:2019年02月20日
来源:天山网
【字体:

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ ياڭ خەۋىرى: «بىز <سوۋغات>لارنى سېتىۋېلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىمىزنى ئېلىپ، تاڭ ۋەنجۈننىڭ ئۆيىگە بېرىپ يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتكۈزەيلى!» بۇ تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەنلا، چاقىلىق بازىرى ئىتتىپاق مەھەللىسىنىڭ كادىرلىرى، شۇنداقلا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى دەرھاللا ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان يۈەنشياۋ بايرىمىلىق «سوۋغات»لارنى كۆتۈرۈپ، ئىتتىپاق مەھەللىسىنىڭ بىرلەشمە ئائىلىلەر باشلىقى تاڭ ۋەنجۈننىڭ ئۆيىگە ماڭدى.

مۇخبىر چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ 6-مەھەللىسىدىكى تاڭ ۋەنجۈننىڭ ئۆيىگە بارغاندا، كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ھالدا يۈەنشياۋ بايرىمىنىڭ تەييارلىقلىرىنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، بۇ يەردە مەھەللە كادىرلىرى پانۇسلارنى ئېسىۋاتقان، ئاھالىلەر يۈەنشياۋ قىلىۋاتقان، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىر ياقتىن ئىش قىلغاچ، بىر ياقتىن كۆپچىلىككە يۈەنشياۋ بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقانىدى، ئارقىدىن كۆپچىلىك خۇشال ھالدا ئۆزلىرىنىڭ بىر يىللىق پىلانلىرىنى سۆزلىدى، ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە بەخت تەبەسسۇملىرى جىلۋىلەنگەنىدى.

چاقىلىق ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئىتتىپاق مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جاڭ يۈەنشى مۇخبىرغا تاڭ ۋەنجۈننىڭ ئېرى لەن جيەننىڭ چاغاندىن ئىلگىرى ئوپېراتسىيە قىلغۇزغانلىقىنى، ھازىر سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىدا بولۇپ، كارىۋاتتىن چۈشۈپ مېڭىشىنىڭ قولايسىز ئىكەنلىكىنى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئىزچىل ئۆيدە ئارام ئېلىۋاتقانلىقىنى، چوڭ قىزىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقى ھەم ئۇزاق مەزگىل قومۇلدا تۇرىدىغانلىقىنى، دائىم كېلەلمەيدىغانلىقىنى، ئادەتتە، تاڭ ۋەنجۈن ۋە كىچىك قىزىنىڭ لەن جيەننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى، ئۆي ئىچىنىڭ بۇرۇنقىدىن چۆلدەرەپ قالغاندەك بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. يۈەنشياۋ بايرىمىدا، كۆپچىلىك يىغىندا مۇزاكىرىلىشىپ، يۈەنشياۋ بايرىمى ئارقىلىق تاڭ ۋەنجۈننىڭ ئۆيىدە ئالاھىدە «جەم بولۇش»نى قارار قىلدى.

تاڭ ۋەنجۈن ھاياجانلانغان ھالدا: «بۈگۈن مەھەللىدىكى كادىرلار كۆپچىلىكنى ئۆيىمىزگە كېلىپ يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىدى، يولدىشىم ئىككىمىز بەك خۇشال بولدۇق، تاڭيۈەن جەم بولۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۈگۈن ئىنتايىن ئۇنتۇلغۇسىز بولغان يۈەنشياۋ بايرىمى بولدى، مەھەللە كادىرلىرى ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكى يولداشلارنىڭ يۈەنشياۋ بايرىمىدا كۆپچىلىكنى ئويلىغىنىغا رەھمەت، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىزنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.