导航切换

شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىغا «ئارخىپ تۇرغۇزۇپ» كاپالەتلىك قىلدى

日期:2025年01月22日
来源:天山网
【字体:


يېقىندا، چاغانتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى لياۋنىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئەترىتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ چاغانتوقاي ناھىيەلىكجەمئىيەت پاراۋانلىقى ئورنىغابېرىپ، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش بويىچە ھەقسىز كېسەل كۆرۈشنى قانات يايدۇردى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ تەن سالامەتلىكىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىنچىكە تەكشۈردى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئىز قوغلاپ باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر بىر ياشانغان كىشىگە تەپسىلىي ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، كېيىنكى دەل جايىدا داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە قولايلىق ياراتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىرشۈ كېكې،چىن خېڭفاڭ، سۈي شياۋنا)


شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار ياشانغانلار بىلەن سەۋرچانلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىلگىرىكى كېسەللىك تارىخىنى تەپسىلىي سورىماقتا.


شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار جەمئىيەت پاراۋانلىقى ئورنىدىكى ياشانغانلارغا قاراتمىلىقى بار بولغان داۋالاش تەكلىپىبەرمەكتە.