导航切换

ئۇلار دوختۇرلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالدى

日期:2024年12月04日
来源:天山网
【字体:


شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان تۈركۈم-تۈركۈم دوختۇرلىرى تاغ-دەريالاردىن ھالقىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسىنىڭ داۋالاش ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.2023-يىلى 5-ئايدا،جاڭجياكوۋ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان توققۇز دوختۇركۈچ ئۇلاش تايىقىنى قولىغا ئېلىپ، خوشۇت ناھىيەسىگە كېلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، 11-ئاينىڭ ئاخىرىدائۇلار بۇ كەچۈرمىشىنى ئاخىرلاشتۇردى ھەم قايتىش ئالدىدا تۇرماقتا. سۈرەتتە: بۇ يىل 7-ئايدا، جاڭجياكوۋ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار خوشۇت ناھىيەسىدە خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. (ئىختىيارىي مۇخبىرمەردان غېنى)


خوشۇت ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار ۋە شۇ جايدىكى دوختۇرلار ياتاق تەكشۈرمەكتە. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جاڭجياكوۋ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش، «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، خوشۇت ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇكەممەل باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشتى.


خوشۇت ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار ۋە شۇ جايدىكى دوختۇرلار ئاغرىقنى ئوپېراتسىيە قىلماقتا. جاڭجياكوۋ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار بىلىم ئۆگىتىش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق،شۇ جايدىكى تېببىي خادىملارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دوختۇرخانىنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ داۋالاش-سەھىيە ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.