导航切换

شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ كۆرگەزمە سارىيى جياڭشى گەنجوۋغا ماكانلاشتى

日期:2024年11月19日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۇڭ ۋېيگو، جاڭ تىڭ

قۇرۇق ئۈزۈم، ئەنجۈر قېقى، قوي پاچىقى كاۋىپى، جىغان شەربىتى، تۆگە سۈتى قۇرۇتى... 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ قىزىلسۇئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ كۆرگەزمە سارىيى جياڭشى ئۆلكىسى گەنجوۋ شەھىرىنىڭ بىنجياڭ يولىدا رەسمىي ئېچىلدى، شىنجاڭنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان خاسيېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى گەنجوۋ شەھەر ئاھالىلىرىگە شىنجاڭنىڭ مول بايلىقىنى ھېس قىلدۇردى.


11-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ قىزىلسۇئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ كۆرگەزمە سارىيى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گەنجوۋ شەھىرىدە ئېچىلدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو فوتوسى

شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ كۆرگەزمە سارىيى گەنجوۋ شەھىرىنىڭ بىڭجياڭ يولىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1200 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، شىنجاڭنىڭ 200 خىلدىن ئارتۇق خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتى كۆرگەزمە قىلىنىپ سېتىلىدۇ. گەنجوۋ شەھەرئاھالىسى جاڭ كەيمىڭ شىنجاڭ قىزىلسۇئوبلاستى ئاقتۇ كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئالايىتەن كۆرگەزمە سارىيىغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالدى.

جاڭ كەيمىڭ شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن شۇ جايدىكى چوڭ تىپتىكى سودا ساراي، تاللا بازارلىرىدىن تېپىش ناھايىتى تەس ئىدى، توردا سېتىۋالسا قولغا تېگىش ۋاقتىمۇ بىرقەدەر ئۇزاقئىدى، شۇ كۈنى ئۇ ئالايىتەن بىر بولاق تۆگە سۈتى قۇرۇتى ۋە بىر بولاق قۇرۇق ئۈزۈم سېتىۋالدى. «بۇ يەردە شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئازراق سېتىۋېلىپ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىم بىلەن ھەمبەھرىلىنىمەن، ئۇلارغا ھەقىقىي <شىنجاڭچە تەم>نى تېتىتىمەن» دېدى جاڭ كەيمىڭ.


11-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ كۆرگەزمە سارىيى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گەنجوۋ شەھىرىدە ئېچىلدى، گەنجوۋ شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ سېتىۋالدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو فوتوسى

شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى زوۋ رۇڭخۇا مۇنداق دېدى: «كۆرگەزمە سارىيىدا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سېتىلغاندىن سىرت، يەنە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى گەنجوۋ شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنىپ، گەنجوۋدىكى تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسىنى شىنجاڭنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى».