يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە كەسىپ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «قان بېرىش بىلەن قان ئىشلەش»كە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئالدىنقى نىشان قىلىپ، خاس، ئەلا سۈپەتلىك كەسىپلەرنى پائال يېتىشتۈردى.
قەشقەر ۋىلايىتىدەشىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدەيېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ قوغۇن-تاۋۇز، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلىرى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ گۈل-گىياھلىرى قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنى يۆلەش سالمىقى زورايتىلدى. شەندۇڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق پەن تەتقىقات ئورنى،مەكتەپلەرگەتايىنىپ، 20دىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك «كىچىك كوللىكتىپى»ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قەشقەردە تېما تەتقىقاتى، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تاۋۇز قاتارلىق 200دىن ئارتۇق ئەلا سورتنى كىرگۈزۈپ يېتىشتۈرۈپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، ئۆستۈرۈش-باشقۇرۇش قاتارلىق 110دىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشى، سەرخىللىشىشى ۋە كۈچىيىشىگە ياردەم بەردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىجاۋ يۈسىفوتوسى ۋە خەۋىرى)
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى گېبى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدا، خىزمەتچى ئاسىمگۈل ئەتىرگۈلنىڭ ھىدىنى پۇرىماقتا. قەشقەر قىزىل ئەتىرگۈلى يېڭى پېتى دەستىلىنىپ قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كەسىپلەررايونى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق تەرەققىيات تۈرلىرىنىڭ بىرى ئىكەن، 1-قارارلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1037 مو، باياۋاندىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇياش نۇرى پارنىكى 233 بولۇپ، گۈل-گىياھ، كۆكتات قاتارلىق زىرائەتلەرتېرىلغان، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 50 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شۇ جايدىكى 1500دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان.
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى گېبى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر رايونىدا، خىزمەتچى ئاسىمگۈل قەشقەرنىڭ قىزىل ئەتىرگۈلىنى تاماشا قىلماقتا.
9-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى گوپەي تاۋۇز تېرىقچىلىقى تەربىيەلەش بازىسىدا، خىزمەتچى ئايشەمگۈل تاۋۇز ئۈزمەكتە.
بۇ، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيىسى گوپەي تاۋۇز تېرىقچىلىقى تەربىيەلەش بازىسىدىكى قوياشنۇرى پارنىكى(9-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان).
9-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى گوپەي تاۋۇز تېرىقچىلىقتەربىيەلەش بازىسىدا، خىزمەتچى ئامىنە خىزمەت قىلماقتا.
9-ئاينىڭ 21-كۈنى،بىر خىزمەتچىشىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى گوپەي تاۋۇز تېرىقچىلىقىتەربىيەلەش بازىسىدا ئىشلىمەكتە.
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى گېبى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر رايونىدا، بىر خىزمەتچى يىغىۋېلىنغان زەنجىۋىلنى كۆرسەتمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كەسىپلەر رايونى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق تەرەققىيات تۈرلىرىنىڭ بىرى ئىكەن، 1-قارارلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1037 مو،باياۋاندىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇياش نۇرى پارنىكى 233 بولۇپ، گۈل-گىياھ، كۆكتات قاتارلىق زىرائەتلەرتېرىلغان، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 50 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شۇ جايدىكى 1500دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى