9-ئاينىڭ 15-كۈنى، ماناس ناھىيەسى گۇاڭدۇڭدى يېزىسى يۈەنجياخۇ كەنتى بەيخې گۈلى ئۆستۈرۈش بازىسىدا، بەيخې گۈللىرى بەس-بەستە پورەكلەپ ئچىلىپ، گۈللەرنىڭسۇس خۇش ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ كىشى قەلبىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. 2021-يىلىدىن بۇيان، فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پۇتيەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك يېڭى ئۇقۇمى، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ماناس ناھىيەسىگە كىرگۈزۈپ، بەيخې گۈلىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندۇردى.
خۇ ۋېيجيې فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى