بۇ، 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئارال كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە تارتىلغان لى بىنئاۋ مۇئەللىم ۋە 2023-يىللىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى.
«95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» ياش ئوقۇتقۇچى لى بىنئاۋ 11-تۈركۈمدە جېجياڭ تەيجوۋدىن شىنجاڭ ئارال كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىگە شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى. 2023-يىلى 2-ئايدا، لى بىنئاۋ مائارىپقابولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە چېگرا رايونغا بولغان ئىنتىلىشى بىلەن، ئارالغا بارىدىغان ئايروپىلانغا چىقتى. بىر يېرىم يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ تەيجوۋغا قايتىشنى تاللىماي، داۋاملىق ئارالدا بىلىم ئۇرۇقىنى چېچىشنى ئىلتىماس قىلدى.
لى بىنئاۋ ئېلېكترونلۇق سودا كەسپى دەرسىنى ئۆتۈشكە مەسئۇل. شىنجاڭلىق بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ دەرس سىرتقى دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان، ئەلا سۈپەتلىك شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىدىغان بىر كۆۋرۈك. ئۇ دەرسخانىدا بىلىم بېرىپلا قالماي، دائىم ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇرتداشلارنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ بازارنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بەردى.
لى بىنئاۋنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇنى ئايرىم ۋاقتلاردا «لى ئاكا» دەپ چاقىراتتى. ئۇ مەكتەپنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەمەلىي مەشىق ئۆيى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ماھارەت مۇسابىقىسىدە ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلىدى. ئۇ مەكتەپتە يەنە يېڭىدىن خىزمەتكە كىرگەن تۆت ئوقۇتقۇچىنى شاگىرتلىققا ئالدى. لى بىنئاۋ مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ھامانئاخىرلاشتۇرىمەن، بۇ يەردىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، يەرلىك ئوقۇتقۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، كەتمەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلىمەن».
جېجياڭ تەيجوۋدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن شىنجاڭ ئارال شەھىرىدە، لى بىنئاۋغا ئوخشاششىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن تۈركۈم-تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلار بار،ئۇلار دوڭخەي بىلەن تىيانشاننىڭ پۈتۈشكىنىنى داۋاملىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن سۇ خەۋىرى، فوتوسى
9-ئاينىڭ 10-كۈنى، لى بىنئاۋ ئارال كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە دەرس ئۆتمەكتە.
9-ئاينىڭ 10-كۈنى، لى بىنئاۋ(سولدا) ئارالكەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە ئەمەلىي مەشىق ئۆيىدە ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.
9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئارال كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە، لى بىنئاۋنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئەمەلىي مەشىق ئۆيىدە تەقلىدىيئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال ساتماقتا.
9-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئارال كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە، لى بىنئاۋ كومپيۇتېرخانىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتمەكتە.
9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئارال كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە لى بىنئاۋ ئىشخانىسىدا دەرس تەييارلىماقتا.
9-ئاينىڭ 10-كۈنى، لى بىنئاۋ ئارال كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە ئەمەلىي مەشىق ئۆيىدە ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.
9-ئاينىڭ 10-كۈنى، لى بىنئاۋ ئارال شەھىرى تانەن بازىرى مەدەنىيەت يولى مەھەللىسىدە مەھەللە ئاھالىلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلىمەكتە.
9-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئارال كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە، لى بىنئاۋ(ئوڭدا) دەرستىن كېيىن خىزمەتدىشى يىڭ جياپىڭ بىلەن پاراڭلاشماقتا. ئىككىلىسى تەيجوۋدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچى.
9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئارال كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە لى بىنئاۋ(ئوتتۇرىدا)ۋاڭ لۇڭفېي(سولدا)، خاۋ مېڭجيې(ئوڭدا)لار بىلەن ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنى ھەمبەھرىلىمەكتە. ۋاڭ لۇڭفېي، خاۋ مېڭجيېلار مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، لى بىنئاۋنىڭ شاگىرتلىرى.
9-ئاينىڭ 10-كۈنى، لى بىنئاۋ دەرستىن كېيىن ۋېلىسىپىت مىنىپ چېنىقماقتا.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى