شىنجاڭنىڭ ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تۈرى ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان توققۇز ياشلىق بالىنىڭ قايتىدىن «ئاۋاز» ئاڭلىشىغا ياردەم بەردى

日期:2024年09月05日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك مەخسۇس كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ليەنخۇ يولى دوختۇرخانا رايونى (ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسى)دا، سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان نانا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولدى. يەنە بىر ئايدىن كېيىن، ئۇ ئېلېكتىرونلۇق قۇلاق قۇلۇلىسىنى ئېچىش ۋە تۇنجى قېتىملىق تەڭشەشنى قوبۇل قىلىدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە سۆزلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئارقىلىق، نورمال بالىلارغا ئوخشاش ئۆگىنىش قىلالايدىغان، تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولىدۇ.

توققۇز ياشلىق نانا يېڭىسار ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاڭلاش ئىقتىدارى تۇغما توسالغۇغا ئۇچرىغانىدى. تۇغۇلغاندا ئاڭلاش ئىقتىدارى بىنورمال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقتىدا داۋالىتىلمىغاچقا، بالىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاڭلاش ئىقتىدارى مەسىلىسى ئۇنىڭ تىل جەھەتتىكى يېتىلىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، نورمال تەلەپپۇز قىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

8-ئاينىڭ 27-كۈنى، نانا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك مەخسۇس كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ليەنخۇ يولى دوختۇخانا رايونى (ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسى)غا كەلدى، تەكشۈرگەندىن كېيىن ئىككى قۇلىقى ئاۋاز سەزگۈچى نېرۋا خاراكتېرلىك گاس، دەپ دىياگنوز قويۇلدى. دوختۇرخانا قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى، مۇدىر ۋىراچ ئابلەت ھىمىت ئوپېراتسىيە ئۆمىكىگە يېتەكچىلىك قىلىپ تەپسىلىي ئوپېراتسىيە لايىھەسى تۈزدى ھەمدە 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ناناغا سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدى.


8-ئاينىڭ 30-كۈنى، دوختۇر ناناغا سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلماقتا. ئابلەت ھىمىت تەمىنلىگەن سۈرەت

2022-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە مېيىپ بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈرىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويغان، يولغا قويۇش لايىھەسىدە، ئۈچ يىلغا بۆلۈپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 11 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)تىكى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە ئېھتىياجلىق مېيىپ بالىلارغا قارىتا ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك مەخسۇس كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرىدىغان نۇقتىلىق دوختۇرخانا قىلىپ بېكىتىلگەن.

تاسقاپ تەكشۈرۈش ۋە ئوپىراتسىيە قىلىپ باھالاش ئارقىلىق نانا ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تۈرى سانىغا ئېرىشتى. ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرى، ئابلەت ھىمىت نانانىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ مەزمۇنىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈردى. ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ھەققى، ئوپېراتسىيە ھەققىدىن تارتىپ قايتا تەكشۈرۈش ئۈچۈن بېرىش-كېلىشتىكى قاتناش ۋە ياتاق ھەققىغىچە ھېچقايسىسىنى نانانىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى ھاجەتسىز بولۇپ، بۇ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ بېسىمىنى كۆپ يېنىكلەتكەنىدى.

ئابلەت ھىمىت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دوختۇرخانىمىز نۇرغۇن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈرى بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭ بويىچە ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان 200دىن ئارتۇق بالىغا ھەقسىز سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدى. ئۇ ئاتا - ئانىلارغا مۇنداق ئەسكەرتتى: كۈندىلىك تۇرمۇشتا بالىلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ساغلاملىقىغا پائال كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك، ئەگەر ئاڭلاش ئىقتىدارىدا بىنورماللىق بايقالسا، بالىلارنى ۋاقتىدا ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇسىنى داۋالاش كەسپىي مەركىزىگە ئېلىپ بېرىپ، بالىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈپ ۋە باھالىتىپ، ئېنىق دىياگنوز قويدۇرۇپ، دىياگنوز قويۇش ۋە كېيىنكى ئاڭلاش ئىقتىدارىنى داۋالاش ئالتۇن مەزگىلىنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى