ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ
قابا ناھىيەسىنىڭ چىبار بازىرى جىلىن يېڭى كەنتىنىڭ ئېتىزلىرىداياغلىق ئاپتاپپەرەس، گازىر تاۋۇزى، ئۇرۇقلۇق قوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىياخشى بولدى؛ «ئاناردانىسى» مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ دېھقانلارغا ياردەم بېرىش بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، بىر قانچە غەربىي رايون داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي تور رىياسەتچىسى كەنتنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قىزغىن تونۇشتۇردى؛ تۆگە سۈتى ئىچىملىكى پىششىقلاش، قېرىنسىمان موگۇ ئۆستۈرۈش، خاس قەلەمتىراش قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەر دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش تەڭ جانلاندى...
8-ئاينىڭ 27-كۈنى، قابا ناھىيەسىنىڭ چىبار بازىرى جىلىن يېڭى كەنتى «ئاناردانىسى» مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ دېھقانلارغا ياردەم بېرىش بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، بىر قانچە غەربىي رايون داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي تور رىياسەتچىسى شۇ جاينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ فوتوسى
8-ئاينىڭ 27-كۈنى، «شامال ۋە قۇياش نۇرىنى قوغلىشىپشىنجاڭغا نەزەر سېلىش» پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى جىلىن يېڭى كەنتىگە بېرىپ، كەنتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدى. جىلىن يېڭى كەنتىنىڭ كوچىلىرىدىكى تۈپتۈز ئاسفالت يوللار پۈتۈن كەنتنى كېسىپ ئۆتۈپ، ناھىيە بازىرىغا بىۋاسىتە تۇتىشاتتى، چارۋىچىلارنىڭ 150 كورپۇس يېڭى ئۆيى رەتلىك سېلىنغان بولۇپ، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئاستىدا ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل كۆرۈنەتتى.
جىلىن يېڭى كەنتىنىڭ ئەسلىي ئىسمى ئايداۋۇيىك كەنتى بولۇپ، ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم تۆۋەن ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، ئورتاق قۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ كەنتيېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچەيۇقىرى ئۆلچەملىكئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىغا ئايلاندى، بۇ «غەربىي شىمالنىڭ شىمالى»دىكى كىچىك كەنتنىڭ يېڭى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى.
2011-يىلى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى−دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق يېڭى كەنتى قۇرۇلۇشى باشلاندى. بۇ بىر يىلدا كەنتتىكى 186 ئائىلىلىك دەريا جىلغىسى رايونىدىن كۆچۈپ چىقتى، ئورنىنى ئۆزگەرتىپ تۇرالغۇ رايونى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق رايونى قۇردى، سۇ، توك، يول قاتارلىق ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان زامانىۋىلاشقان يېڭى يېزا قۇردى. جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، كەنتنىڭ نامى جىلىن يېڭى كەنتىگە ئۆزگەرتىلدى.
ئىلگىرىكى نامرات كۈنلەر كەنت ئاھالىسى باقىتنۇر رىبدولانىڭ ھازىرقىدەكلا ئېسىدە. كۆچۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، دەريا جىلغىسى رايونىغا جايلاشقان ئايداۋۇيىك كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتى، دەريا سۈيى ئىچەتتى. كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى ئازادە، يورۇق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، ھويلىغا كۆكتات، مېۋە-چېۋە تېرىدى، ئۆينىڭ كەينىدىكى قوتانغا توخۇ، قويلار توشۇپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.
ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى كەنتتە ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان «يول يۈرۈش تەس بولۇش، سۇ ئىچىش تەس بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇش تەس بولۇش، داۋالىنىش تەس بولۇش، سېتىش تەس بولۇش» قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى، يېڭى كەنتتە سۇ، توك، يول راۋان بولۇش، تۇرالغۇ، قوتان، يەم-خەشەك يېرى، سىلوس ئورىسىدىن ئىبارەت تۆتبار بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغاندىن كېيىن، قانداق قىلغاندا ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ بۆسۈش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ؟ پۇقرالارنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە قاتنىشىشىغا قانداق تۈرتكە بولۇش كېرەك؟ كۆپ يىللاردىن بۇيان، جىلىن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن تۈركۈم-تۈركۈم كادىرلار «مەسىلىنى يېشىش» پىكىر يولىنىمۇ ئېلىپ كەلدى.
باقمىچىلىق كىچىك رايونى قۇرۇلۇشى، زەمبۇرۇغ تۈرى تېرىقچىلىقى، سۈت ئۆچكىسى باقمىچىلىقى، كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق تۈرلەر ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى، ھەر يىلى كەنت ئاھالىلىرى1000 تۈپتىن ئارتۇق مېۋىلىك دەرەخ كۆچىتى، كۆكتات مايسىسى بىلەن تەمىنلەندى، يەنە چۈجە تارقىتىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىئۆزگىچە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش ئىشەنچىئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى.
كەنتنىڭ شەرق تەرىپىدىكى رەڭلىك تامنى بويلاپ مېڭىپ، بىر رەڭلىك ئىشىكنى ئاچسىڭىز دەل كەنت ئاھالىسى سالى ئاچقان مىننەتدارلىق دېھقانلار ئارامگاھىغاكىرىسىز، ھازىر، كەنت ھەر كۈنى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ، سالى ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.
سالى مۇنداق دېدى: بۇ يىللارداكەنتكە ساياھەتكە كېلىدىغانلار تەدرىجىي كۆپەيدى، 2018-يىلى ئەر-خوتۇن ئىككىمىز ئۆزىمىزنىڭ كىچىك ھويلىسىدىن پايدىلىنىپ دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشنى قارار قىلدۇق. ئەر-خوتۇن ئىككىمىز چىقىشقاق، مۇلازىمەت پوزىتسىيەمىز ياخشى بولغاچقا، تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، سودىمىز كۈندىن-كۈنگە روناق تېپىپ، يىللىق كىرىمىمىز 300 مىڭ يۈەنگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە ھويلا-ئاراملاردا تۈرلۈك كۆكتاتلارنى تېرىپ، مېھمانلارنى دېھقانلار ئارامگاھىدا تاماق يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىللە، يەنە كۆكتات ئۈزۈشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇردۇق.
«دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە بىر كۈندە 150 ئەتراپىدا ساياھەتچى كېلىدۇ. يەرلىك كىشىلەرمۇ، ساياھەتچىلەرمۇ بار. بۇ بىر نەچچە يىلدا، خېلى كۆپ كىرىم قىلدۇق»، كەلگۈسى تەرەققىياتقاسالىنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ئۈزلۈكسىز سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ، جىلىن يېڭى كەنتىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى.
2022-يىلى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ياردىمىدە، جىلىن يېڭى كەنتى ئەسلىدىكى كەنت بازىسى ئاساسىدا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، خەلقتىن ئەقىل سوراش، خەلقتىن ھال-ئەھۋال سوراش ئارقىلىق، پارتىيە-ئامما مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، كەسىپلەر تەرەققىياتى، ئىستىراھەت-ھېس قىلىش قاتارلىقلار توپلىنىپبىر گەۋدىلەشكەن خاس «ئانار دانىسى» مۇلازىمەت پونكىتى بەرپا قىلدى. ھەر قېتىملىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى جىلىن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار بۇ يەرگە كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن خالىس كېسەل كۆرۈش، سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تۈرتكىسىدە، جىلىن يېڭى كەنتىدىكى دېھقانلار يەنە جىلىن ئۆلكىسى بەيچېڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىدىكى 33 كىشى بىلەن قوشماقلاشتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى ئارقىلىق، ئىككى جاينىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىيەنىمۇ كۈچەيدى، كۆپ قېتىم بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇشقانات يايدۇرۇلۇپ، قۇرۇلۇش تەجرىبىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇندى، گۈللەندۈرۈش پىكىر يولىكېڭەيتىلدى، بۇنىڭ بىلەن شۇ جايدىكى كادىرلارنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىئۆستۈرۈلدى. 2023-يىلى، جىلىن يېڭى كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 400 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 23 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
«بۇلتۇر، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، مەن جىلىن ئۆلكىسىگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشتە بولۇپ، شۇ جاي يولغا قويغان <جىلىن سەنجيې>دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ماركىنىڭ ئاياللارنى ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى چۈشەندىم. بىزنىڭ قابا ناھىيەمىزدىمۇ مىللەت خاسلىقىغا ئىگە كەشتىچىلىك كەسپى بار، ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلى جانلىق، بازار ئېھتىياجى زور، بۇنىڭدىن كېيىن مەن پۈتۈن كەنتتىكى ئاياللارنى يېتەكلەپ كەشتىچىلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۈچ قوشىمەن» دېدى جىلىن يېڭى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گاۋسار جيېفاڭ.