يېقىندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن«گۇاڭدۇڭنىڭ تاغ-دەريالىرىدىن ھالقىپ شىنجاڭغا بېرىش» تېمىسىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش كارتون قىستۇرما رەسىم كۆرگەزمىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت سارىيىدائۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمە نەق مەيدانىدا،«يۈز يىللىق رەسىملىك قوللانما» «مىڭ يىللىقياڭچېڭ» قاتارلىق ئەسەرلەردە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ھەيۋەتلىك تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش مەنزىرىسى نامايان قىلىندى.(ئىختىيارىي مۇخبىرلار ما لىنا، ئىلغارجان)
بىر تاماشىبىن كۆرگەزمە قىلىنغان ئەسەرلەرنى سۈرەتكە تارتماقتا.
كۆرگەزمە قىلىنغان ئەسەر «شياۋلىن ھەجۋىي رەسىملىرى».
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى