شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، جىن جېڭئېننىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

日期:2021年01月12日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ جىن جېڭئېنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 8 - قۇرۇلتىيىدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 8 - قۇرۇلتىيىدا يولداش جىن جېڭئېننىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىدىن خۇشال بولدۇم، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن يولداش باش شۇجى ۋە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 8 - قۇرۇلتىيى چاۋشيەن سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. يولداش باش شۇجىنىڭ يەنە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبىرى بولۇپ سايلانغانلىقى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە چاۋشيەن خەلقىنىڭ باش شۇجىغا بولغان ئىشەنچى، ھىمايىسى ۋە ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئىشىنىمەنكى، يولداش باش شۇجى باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى ۋە چاۋشيەن خەلقى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن تاغ - دەريالىرى تۇتاش سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەت. جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان فاڭجېن. دۇنيا داۋالغۇپ، ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان مەزگىلگە كىرگەن ۋەزىيەتتە، مەن يولداش باش شۇجى بىلەن بىللە جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش بويىچە، جۇڭگو - چاۋشيەن دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ، ئىككى دۆلەت سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى قوغداپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

يولداش باش شۇجىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا، چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىنى يېتەكلەپ، يېڭى تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!