شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2021年01月12日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ھىندونېزىيە سۇراۋىگايا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ يېقىندا ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: ھىندونېزىيەنىڭ بىر خەلق ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، ھىندونېزىيەگە دوستانە قوشنا دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.