شى جىنپىڭ نېپال زۇڭتۇڭى باندارى بىلەن ئۆزئارا خەت ئەۋەتىپ جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئورتاق جاكارلىدى

日期:2020年12月09日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى12-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نېپال زۇڭتۇڭى باندارى بىلەن ئۆزئارا خەت ئەۋەتىپ، جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئورتاق جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇر، بىز جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى ئورتاق جاكارلىشى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت كوللېكتىپى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەر شارىۋى ئېگىزلىك ئۆلچىمى ئاساسىدىكى جۇمۇلاڭما چوققىسى قار يۈزى ئېگىزلىكىنى بېكىتتى. بۈگۈن، مەن زۇڭتۇڭ باندارى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-نېپال ئىككى دۆلەتكە ۋاكالىتەن پۈتۈن دۇنياغا شۇنى رەسمىي جاكارلاشنى خالايمەن، جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېگىزلىكى 8848.86 مېتىر.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇمۇلاڭما چوققىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستلۇقىنىڭ مۇھىم سىمۋولى. ئىككى دۆلەت دۇنيادىكى بۇ ئەڭ ئېگىز چوققىنى جۇڭگو-نېپال ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا چوققىسى ۋە «جۇڭگو-نېپال دوستلۇق چوققىسى» قىلىپ بېكىتىدۇ. بۈگۈن سىز بىلەن بىللە جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېگىزلىكىنىڭ ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان دەۋر ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئورتاق جاكارلىدۇق، شۇنداقلا جۇڭگو-نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدۇق. جۇڭگو تەرەپ يەنە نېپال تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ھەمكارلىقىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى ۋە يۇرت-ماكانىنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو-نېپال دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى كۈچىيىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش مۇقىم ئالغا سىلجىتىلىپ، ھىمالايادىن ھالقىغان ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلانماقتا. جۇڭگو بىلەن نېپال ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تېخىمۇ زىچ بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشى كېرەك.

باندارى خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نېپال بىلەن جۇڭگو ئىزچىل ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردۇر، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇمۇلاڭما چوققىسى نېپال بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ئەبەدىيلىك سىمۋولى، جانابلىرى بىلەن بىرلىكتە، جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئەڭ يېڭى قار يۈزى ئېگىزلىكىنىڭ 8848.86 مېتىر ئىكەنلىكىنى ئورتاق جاكارلىغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. بۈگۈن ئىككى تەرەپنىڭ جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى ئورتاق جاكارلىغانلىقى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر نېپالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، جۇڭگو-نېپال مۇناسىۋىتى ھەم ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مەزگىلگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى زىيارەتتىكى ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدۇ.