شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم

日期:2020年12月04日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى بېكىتىلىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ بارلىققا كەلگەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ زور نەتىجىسى، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسىدۇر.

دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش − باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «11 دە چىڭ تۇرۇش»نىڭ مۇھىم مەزمۇنى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم پىرىنسىپ ۋە نۇقتىلىق خىزمەت، شۇنداقلا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى روشەن ئالاھىدىلىكىدۇر. «ئىككى 100 يىل»لىق تارىخنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش − ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئاساسىي قانۇن − دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ باش نىزامنامىسى، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسىدۇر. دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى ئۇلۇغ كۈرىشى ۋە تۈپ مۇۋەپپەقىيىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە تۈپ مەنپەئەتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتى، مۇھىم فاڭجېنى، مۇھىم سىياسىتىنىڭ دۆلەت قانۇنچىلىقىدىكى ئالىي ئىپادىسىگە ئايلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش دەل پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنىڭ نوپۇزىنى قوغدىغانلىق. ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش دەل پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىغانلىق. ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش دەل خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىق.» ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى دۆلەت ئەھۋالىغا، ئەمەلىيەتكە، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياخشى ئاساسىي قانۇن، دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ قانۇنچىللىق كاپالىتىدۇر، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت.

http://uyghur.people.com.cn/307382/15831844.html