شى جىنپىڭ مىيۈن سۇ ئامبىرىنى سالغان ۋە قوغداۋاتقان يۇرتداشلارغا جاۋاب خەت يېزىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

مىيۈن سۇ ئامبىرىنى داۋاملىق ياخشى قوغداپ، گۈزەل بېيجىڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش لازىم

日期:2020年09月01日
来源:人民网
【字体:

  مىيۈن سۇ ئامبىرىنىڭ ياسالغانلىقىغا 60 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 30-كۈنى مىيۈن سۇ ئامبىرىنى سالغان ۋە قوغداۋاتقان يۇرتداشلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم ئىلھام بەردى شۇنداقلا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: 60 يىل بۇرۇن، سىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، مىيۈن سۇ ئامبىرىنى ياساش جېڭىگە پائال ئاتلانغان ئىدىڭلار. 60 يىلدىن بۇيان، سىلەر سۇ ئامبىرىنى قوغداپ، زاۋۇت، كانلارنى تاقاپ، پايتەختنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشقا مۇھىم تۆھپە قوشتۇڭلار. مەن سىلەرنىڭ يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ ئەۋزەللىكىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈنلىرىڭلارنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ بەك خۇشال بولدۇم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ تۆھپىسى بۈگۈنگە، پايدىسى كەلگۈسىگە مەنسۇپ. بېيجىڭدىكى ئون مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق تاغلىق رايون-پايتەختنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە توسىقى ۋە سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونى بولۇپ، ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. مەن مىيۈن سۇ ئامبىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم. ئەينى يىللىرى مىيۈن سۇ ئامبىرى كەلكۈن، ھۆلچىلىكتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ياسالغان، ھازىر ئۇ بېيجىڭنىڭ مۇھىم يەر ئۈستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى، سۇ بايلىقىنى ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلاش بازىسى بولۇپ، قىممەتلىك گۆھەرگە ئايلاندى. مەن سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، مىيۈن سۇ ئامبىرىنى داۋاملىق ياخشى قوغداپ، گۈزەل بېيجىڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە تولۇقلىما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلىرىنى بىرلىكتە ياخشى قوغدىشى كېرەك.

  مەنبە: http://uyghur.people.com.cn/155988/15822710.html