لى كېچياڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ لى شيەنلۇڭنىڭ سىنگاپور جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى

日期:2020年07月29日
来源:人民网
【字体:

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 28- چېسلا لى شيەنلۇڭغا تېلېگرامما ئەۋەتتى، ئۇنىڭ سىنگاپور جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭلى لى شيەنلۇڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، سىنگاپور ئىقتىسادى ئۇزاققىچە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. سىنگاپور ھۆكۈمىتى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا كەسكىن تەدبىر قوللاندى، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەدرىجىي جانلاندى. جۇڭگو بىلەن سىنگاپور دوستانە قوشنا دۆلەت، جۇڭگو جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەن لى شيەنلۇڭ بىلەن بىللە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتىنى ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ بۇ يىلقى 30 يىللىقى ھارپىسىدا يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايمەن.