لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

قانۇن- بەلگىلىمىگە بىر- بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم

日期:2020年07月28日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 27- ئىيۇل بېيجىڭدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، قانۇن- بەلگىلىمىگە بىر- بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىنى ياخشى قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقتىن ئىبارەت ئۈچنى قوغداش چوڭ جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ھاۋا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، بۇ قېتىم تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، بۇ، جايلار، تارماقلارنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش، چىڭ تۇتۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ يىلتىز تارتىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك، تۇپراق بۇلغىنىشىنى تۈزەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تۇرالغۇ مۇھىتىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ گەۋدىلىك مەسىلىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، پۇقرالارنى خاتىرجەم تاماق يېيىش، خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. تۇپراق قاتارلىق بايلىقلارغا قارىتا ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تۈجۈپىلەپ پايدىلىنىشنى ھەقىقىي يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان، يېشىل تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئاتموسفېرا، سۇ قاتارلىقلارنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ماسلاشتۇرۇپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، تۇرمۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەپ، تۇپراقنىڭ تۈرلۈك بۇلغىنىش مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك.