مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتى دىنىي ساھەدىكىلەر باش تېما بويىچە كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

日期:2020年07月28日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتى 27- ئىيۇل بېيجىڭدا دىنىي ساھەدىكىلەر باش تېمىلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «ئېلىمىزنىڭ دىنىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش» نى چۆرىدەپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىنىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بىر تۈرلۈك ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت، يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك بولۇش، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك بولۇش، ئەخلاق- پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلىش، ھالقىلىق پەيتتە رول ئويناش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ لاياقەتلىك ۋەتەنپەرۋەر دىنىي ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، دىنلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەشنى پۇختا ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  11 نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، دىنىي ساھەدىكى ئوتتۇرا ياش، ياش ۋەكىللەر ۋە مۇتەخەسسىس- ئالىملار خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دىن خىزمىتى ۋە دىنىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن- نىزاملار تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، دىنىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى داۋاملىق كۈچەيتىلىپ، دىنىي خادىملار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايتىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە يەنىلا بەزى ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت بولۇپ، دىن خىزمىتىدىكى كەمتۈكلۈك بولۇپ قالماقتا، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.