مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى گۇاڭشىدا «بىر قانۇن، بىر قارار»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى

لى جەنشۇ ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇن بويىچە قوغداش، باقمىچىلىق مەيدانىدىكى ئائىلىلەرنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارىتىنىڭ تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ھالدا مەھسۇلات ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

日期:2020年07月17日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 12-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، گۇاڭشىدا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان يەيدىغان ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارارىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بىر قانۇن، بىر قارار» بويىچە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش، تەبىئىي ئېكولوگىيە تەڭپۇڭلۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى باقمىچىلىق مەيدانى، بازار، تاموژنا، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈردى، چۇڭزو شەھىرى فۇسۈي ناھىيەسى، بەيسې شەھىرى تيەنياڭ رايونىدا يىلان، بامبۇك چاشقىنىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىش-بېقىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. گۇاڭشى گۈل-قۇش، ئەرمەك ھايۋانلار سودا بازىرىدا بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. پىڭشياڭ تاموژنىسىغا بېرىپ، ياۋايى ھايۋانلار ئەتكەسچىلىكىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. چۇڭزو ئاق باش يوپۇرماقلىق مايمۇنى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت قىلىش رايونىنى قۇرۇش-قوغداش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە نەننىڭدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئاڭلىدى. لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بىر قانۇن، بىر قارار»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشتىكى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار تەرەپلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان يەيدىغان ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى «تۇتۇش، توشۇش، سېتىش، سېتىۋېلىش، يېيىش»نىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك.